​توردا ۋە تور سىرتىدا دېھقانلارنىڭ ئۆرۈك سېتىشىغا ياردەم بەردى

日期:2021年07月13日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى:

​توردا ۋە تور سىرتىدا دېھقانلارنىڭ ئۆرۈك سېتىشىغا ياردەم بەردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ كېجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆرۈك زور مىقداردا بازارغا سېلىنىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى توردا ۋە تور سىرتىدا تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئالاقىلىشىش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆرۈك سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى. 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى دېھقانلارنىڭ 300 توننىدىن ئارتۇق ئۆرۈكىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى.

ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرلىرى يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆرۈك بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل، لېكىن بۇ يىل كىلىماتنىڭ تەسىرىدە ئۆرۈكنىڭ پىشىش مەزگىلى كېچىككەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈپىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە يەتمىگەچكە، ئۆرۈك سېتىش قىيىن بولدى.

«بۇ چاغدا، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بېرىشىمىزگە توغرا كەلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، يېتەكچى، سۆگەت يېزىسىنىڭ تۇرقوي كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى لى جيەنجۈن مۇنداق دېدى: «ئۆرۈكنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە، جەزمەن توردا ۋە تور سىرتىدا ماس كۈچەش كېرەك. بىر تەرەپتىن، بىز ئىدارىگە تايىنىپ سېتىشقا ياردەملىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدا ئىستېمال ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، <شىڭخاۋ يوۋنى> دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، يېڭىسار ئۆرۈكىنى ساتتۇق».

بىر قاتار تەييارلىقلار ئارقىلىق، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، «شىڭخاۋ يوۋنى» دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش سۇپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە يېڭىسار ئۆرۈكىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ھەم خىزمەتداشلىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، دېھقانلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بەردى.

سۇپا تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن زاكاز ئۈزۈلمىدى. زاكاز تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۆرۈكنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ سۈپەتلىك ئۆرۈكلەرنى ئايرىم ئوراپ قاچىلىدى ھەم ئۆرۈكلەرنىڭ ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سېۋەتنىڭ ئۈستى قىسمىغا سۇ سۈمۈرۈش قەغىزى ياپتى.

«تور ۋە تور سىرتى ئىستېمالى ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ ھەرىكەتكە كېلىش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىمىزدىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمىز، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز» دېدى لى جيەنجۈن.