​يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2021年07月13日
来源:天山网
【字体:

جوۋ چياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جوۋ چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جەمئىيەت تىنچلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىناقلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، سوت مەھكىمىلىرىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاپ، قوشۇننىڭ سادىق، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جۈنجېڭ، ما شىجۇڭ، ۋاڭ مىڭشەن، جاڭ ۋېنچۈەن، ما گوۋېي، باھارگۈل سەمەت قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.