باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2021年07月12日
来源:天山网
【字体:

جاڭ چۇنلىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى رەستە جامە مەسچىتىدە جاڭ چۇنلىن دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىدىكى ۋاڭسەن كوچىسى يىراق - يېقىنغا داڭلىق «قەلبداشلار كوچىسى» بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشنى ۋاسىتە قىلىپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ياردەم بېرىپ يۆلەپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلدى. جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىنىڭ بۇلۇڭكۆۋرۈك كەنتى، يۇلغۇنلۇق كەنتى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىغا بېرىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ياڭاقلىق باغ، ئالمىلىق باغلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ يېتىشتۈرۈش، پەرۋىش قىلىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى، ئەسلىھەلىك چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ياڭاق، ئالما قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش؛ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكنىڭ كۆلىمى، سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كارخانىلىرى تەرەققىيات پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، باشلامچى كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن يەنە ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قۇمقىشلاق كەنتى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى جىنخۇا يېڭى كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى زورايتىپ، مۆلدۈرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى يۇندىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل ئاساسىي رېڭىنى جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، جاڭ چۇنلىن ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خىزمەت پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى تەلەپ قىلدى.