مەمەتجان ئۆمەر، ۋېي دېيوۋ شەرەپ بىلەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشتى

日期:2021年07月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى نەمۇنىچىلار ۋەكىلى، غۇلجا ناھىيەسى ئونيار يېزىسى بۇلۇكەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مەمەتجان ئۆمەرگە، 50 نەچچە يىل ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدىغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 - شىسى 161 - تۇەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ۋېي دېيوۋغا «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىپ بېرىلدى.

1952 - يىلى تۇغۇلغان مەمەتجان ئۆمەر 48 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە، ئۇ جەمئىيەت مۇقىملىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ئۆلۈم تەھدىتىدىن قىلچە قورقماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلغان ئىلغار نەمۇنىچى. ئۇ ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ياچېيكا قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان 30 نەچچە يىلدا، كەنتتە بىر قېتىممۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى «ئارقىدا قالغان» كەنتنى ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدىغان نەمۇنىلىك كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىققان. ئۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يەسلى ئېچىپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، «بىرمۇ ئادەمنى نامراتلىقتا قالدۇرمىغان، بىرمۇ ئادەمنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمىغان!» ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرىكى نامرات كەنت بىردىنلا ھاللىق كەنتكە ئايلانغان. ئۇ ئىلگىرى شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» «مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.

1940 - يىلى تۇغۇلغان ۋېي دېيوۋ 1983 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، «مەن ۋەتەن ئۈچۈن چېگرا نى قوغدايمەن» دېگەن قەتئىي ئېتىقادىغا باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلغان، 57 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتقان، يېڭى دەۋردە توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن تىپىك ۋەكىل. ئۇ ئۆيىنى چېگرا لىنىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، «ئۆيى يول بېشىدا بولغان، چارلاش ئۈچۈن چارۋا باققان»، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان چېگراغا يېقىنلاشقانلاردىن 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇۋەتكەن ۋە توسقان، باشقۇرۇش - كونترول قىلىش رايونىدا بىر قېتىممۇ چەت ئەلگە چېتىشلىق ۋەقە يۈزبەرمىگەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى «قاراۋۇل ئالماشمايدىغان ئەر - خوتۇن قاراۋۇلخانىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ چېگرانى چارلىغان ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ، ئېكۋاتورنى بەش قېتىم ئايلانغانغا باراۋەر بولۇپ، چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا بەلگىسى» دەپ تەرىپلەنگەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى، چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئۇ ئىلگىرى شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى» «دەۋر نەمۇنىچىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.

«1 - ئىيۇل ئوردېنى» پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 29 تۆھپىكار پارتىيە ئەزاسى بۇ شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ جىسمىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىنى بېغىشلاش، پاك - دۇرۇس بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئومۇمنى كۆزلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە يۈكسەك روھى جانلىق نامايان قىلىنغان، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!