غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) سىياسىي كېڭەشلىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» بىرلەشمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

​چېن چۈەنگو تەبرىك سۆزى قىلدى، ياڭ چۈەنتاڭ سۆز قىلدى​

شۆھرەت زاكىر، سۈي بو، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) سىياسىي كېڭەشلىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» بىرلەشمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ چۈەنتاڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فاڭ ئەيچىڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى سۈي بو، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ زىيۈن، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گۇەنجۈن، گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېن چىڭ، گو تيەنكاڭ، چىڭخەي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جېنچاڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

چېن چۈەنگو تەبرىك سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، قوللاۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىغا، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور تەشەببۇس. شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىشتىكى خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ يول، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى ئالدىنقى سەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون. بىز ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاسىتىلىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش بىلەن چېگرا رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىمىز. بىز غەربىي شىمالدىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە يىغىنى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇپ، گۈللىنىش پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ غەربكە ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز.

ياڭ چۈەنتاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىدىكى مۇقەررەر ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، ھەمكارلىشىپ غەربكە ئېچىۋېتىشتە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك، ئادىمىيەت ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە. «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا يۈكلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە بۇرچى، ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، چوڭ يول، مۇھىم تۈگۈن قاتارلىق رولىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش، پائال بەرپا قىلىش جەريانىدا ئۆز ئورنىنى دەل تېپىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە يوشۇرۇن كۈچ ئەۋزەللىكىنى رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) سىياسىي كېڭەشلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالدىن كۆرەرلىككە، ئۇنىۋېرساللىققا، ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى بېرىپ، كەڭ كۆلەمدە ئەقىل ۋە كۈچ توپلاپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ ھەمكارلىشىپ غەربكە ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىش، غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا، نىڭشا، گەنسۇ، شەنشى، چىڭخەي، شىنجاڭ سىياسىي كېڭەشلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش تەجرىبىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.