چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ شىنجاڭنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ھەم جۇڭگو شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى تونۇشتۇردى ۋە ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش قىلىش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئايان، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى. بىز ئىلگىرىكىدەكلا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمىز، ئامان - ئېسەنلىكى، ساغلاملىقىنى كۆزلەيمىز، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، خەلق تۇرمۇشىنى راۋاجلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، پۇل مۇئامىلە، مۈلۈك ھوقۇقى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە، مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تۈرلىرىنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ھەقىقىي شىنجاڭنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما چاۋشۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بۇ قېتىم ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەت شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق چېگرا بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن ئېگىزلىك، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئارقىلىق، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىلگىرىكىدەكلا شىنجاڭ بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى ھەرتەرەپلىمە مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى، بولۇپمۇ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا قولغا كەلتۈرگەن كونكرېت نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدۇق. بىز ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ياخشى بولغان ھەمكارلىق ئاساسىغا ۋە غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇدۇللىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، ئاقىل شەھەر بەرپا قىلىش، ئۇل ئەسلىھەلەر سېلىنمىسى، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خەلقئارا ھەمكارلىق ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن بەھرىلەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى شۆجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، جارۇللا ھېسامىدىن، مەڭلىك سىيىت، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.