ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

​− شىنجاڭنىڭ «مىليون پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئۆگىنىش دارېنلىرى بەسلىشىش مۇسابىقىسى» پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«دۆلىتىمىز قايسى يىلدىن باشلاپ تۇنجى بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈشكە تۇتۇش قىلغان؟ تالىشىپ جاۋاب بېرىڭلار.» رىياسەتچىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار تېز سۈرئەتتە تالىشىپ جاۋاب بېرىش ئۈسكۈنىسىنى باستى... 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ «مىليون پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئۆگىنىش دارېنلىرى بەسلىشىش مۇسابىقىسى» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شۆبە مۇسابىقە رايونىنىڭ قايتا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، 22 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 66 ماھىر سالماقلىق بىلەن يۈزلىنىپ، دەل جايىدا جاۋاب بېرىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

پارتىيە تارىخى دەرسلىك، شۇنداقلا ئوزۇقلۇق. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە يېتەكلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى تىيانشان تورى، «ئانار بۇلۇت» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى بىلەن بىرلىشىپ، بۇ يىل 4 - ئايدا شىنجاڭ «مىليون پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئۆگىنىش دارېنلىرى بەسلىشىش مۇسابىقىسى» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزگىچە بەسلىشىش مۇسابىقىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىش قويۇق كەيپىياتىنى ياراتتى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنى سىجىل كۆتۈرۈلدى.

كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش بەس - بەستە قاتنىشىش

ئىلمىي لايىھە تۈزۈش، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ سەپەرۋەر قىلىش... بەسلىشىش مۇسابىقىسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىنىڭ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

4 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مۇسابىقىسى، قايتا مۇسابىقىسى قانات يايدۇرۇلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك تۇتقىسى قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەس - بەستە قاتنىشىپ، ياخشى ئۆگىنىش كەيپىياتى ياراتتى.

شىخو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مۇسابىقىسىدە، شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تاراتقۇ سېپى سۇپىسى − «شىخو ياخشى جاي» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، دوۋيىن سۇپىسى، مىكرو بىلوگ قاتارلىقلار تەڭ ئاتلىنىپ، ماس قەدەمدە توردا بىۋاسىتە كۆرسەتتى. «ئاۋۋال داغدۇغا پەيدا قىلىپ قارشى تەرەپنى يېڭىش» ھالقىسىدا شەخسلەر چوقۇم جاۋاب بېرىش، «قەدەمدە بىر ئىستىھكام قۇرۇش» ھالقىسىدا گۇرۇپپىلار چوقۇم جاۋاب بېرىش، «كۆزى ئۆتكۈر، قولى چاققان بولۇش» ھالقىسىدا تالىشىپ جاۋاب بېرىش ... ھەرقايسى مۇسابىقە ھالقىلىرى جىددىي ۋە كەسكىن بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالدى. مەيداندا ماھىرلار ئۆزئارا بەسلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىنقى قاتارنى تالاشتى؛ مەيدان سىرتىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق تورداش توردا كۆرۈپ، ماھىرلارغا ئالقىش ياڭراتتى، مەدەت بەردى. مۇسابىقە جەريانىدا يەنە قىزغىن تورداشلار جاۋاب بېرىشكە قاتنىشىش ھالقىسى كۆپەيتىلىپ، مەيدان سىرتىدىكى كۆرۈرمەنلەر تورغا چىقىپ بەس - بەستە قاتناشتى، بۇ، پائالىيەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر، ھەرقايسى سىستېمىلار كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ، قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئارقىلىق 20 ۋەكىللەر كوماندىسى دەسلەپكى مۇسابىقىگە كىردى، سەككىز ۋەكىللەر كوماندىسى تەكرار مۇسابىقىگە كىردى.

ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە، مۇسابىقىگە نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھەمتۈرتكىلىك جاۋاب بېرىش ھالقىسى قىستۇرۇلۇپ، بىر سوئالغا بىر جاۋاب بېرىش مەزمۇنى كۆپەيتىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

توقسۇن ناھىيەسىدە، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تۈرلۈك پارتىيە تارىخى بىلىملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدىن 16 مەيدان(قېتىم)، پارتىيە تارىخى بىلىملىرى سىناق ئىمتىھانىدىن 98 مەيدان(قېتىم) ئۆتكۈزدى، قاتناشقانلار سانى 5099 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

...

بۇ قېتىمقى بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، 10 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن كوماندىلار ئاخىرقى قېتىم بەسلىشىدۇ، بەسلىشىش مۇسابىقىسى پائالىيىتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغايدۇ.

شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش پارتىيە تارىخىنى جانلىق ئۆگىنىش

بەسلىشىش مۇسابىقىسىدە، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىدىن سوئال - جاۋاب بولۇپلا قالماي، يەنە «ئۆگىنىش دارېنلىرى»نىڭ يۇرتىنىڭ كىلاسسىك قىزىل ھېكايىلىرىنى سۆزلەش ھالقىسى تەسىس قىلىندى، ھەرقايسى «ئۆگىنىش دارېنلىرى» ئىپادىلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق يىللىرىنى جانلىق پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرىدە نامايان قىلدى.

«يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشى بايلىق ۋە گېئولوگىيە ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، جياڭجۈننىڭ قىزى ياڭ جېڭلۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭغا بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نېفىت گېئولوگىيە چارلاش خىزمىتىگە ئاتلاندى. يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىت ئىشلىرى ئۈچۈن ياڭ جېڭلۇ قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇپ، ھاياتىنى 22 ياشتا ئاخىرلاشتۇردى...»

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ قاراماي شەھىرى شۆبە مۇسابىقە رايونىدىكى قايتا مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ماھىر لېكسىيە سۆزلەش+ ئۇسسۇل ئويناش شەكلى ئارقىلىق «قۇملۇق قىزى» ياڭ جېڭلۇنىڭ كۈرەش ھېكايىسىنى قايتا نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

«دۆلەت نېفىت سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى دەل ياڭ جېڭلۇغا ئوخشاش پارتىيەنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئوغۇل - قىزلىرى ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ياراتقان، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى كۆڭلىگە پۈككەن سانسىزلىغان ئۆزىنى بېغىشلىغۇچىلار ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەپ ياراتقان» دېدى قاراماي شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى گۇڭ شىن ھاياجانلانغان ھالدا.

«جاپاغا يولۇققاندا، 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى ئويلاڭ؛ چارچاش ھېس قىلغاندا، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى ئويلاڭ!» ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئۆتكۈزگەن بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ قىزىل ھېكايىلەردىن ھەمبەھرىلىنىش ھالقىسىدا، ماھىر لىن شيۇمىن گېنېرال چېن گېڭ ۋە بىر كىچىك قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ «بىر خالتا ئوزۇق - تۈلۈك» ھەققىدىكى ھېكايىسىنى تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى. نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، توختىماي قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىر مەيدان بەسلىشىش مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاددىي سۆز ۋە سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن دەۋر نەمۇنىچىسى لاچىن بايەكە، «يېشىل ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى» ۋاڭ چېڭباڭ قاتارلىق قەھرىمان - نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى جانلىق بايان قىلدى. قىزىل ھېكايە كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆرۈرمەنلەردە كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

«بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق، مەن نۇرغۇن پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇنداقلا نۇرغۇن ئىنقىلابىي ئەجدادلار ۋە نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ كۈرەش قىلىش ئىش ئىزلىرىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.» دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر چېن تيەننىڭ مۇنداق دېدى: «مەن قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن».

مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش

«مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم ھەر كۈنى <ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى> ئۆگىنىش سۇپىسىدا ئۆگىنىپ، سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، چۈشۈپ قالغاننى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى كاللىمىزغا، قەلبىمىزگە سىڭدۈردۇق. بۇ قېتىمقى بەسلىشىش مۇسابىقىسى بىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىمىزگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق سىناق» دېدى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر بەي ۋېي.

مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بەسلىشىش مۇسابىقىسىگە پائال قاتنىشىش ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەپسىلىي ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى.

«بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى.» قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر شيې بىن مۇنداق دېدى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىنى ياخشى، پۇختا، ئىنچىكە بېجىرىمەن».

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى چېن خۇڭچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بەسلىشىش مۇسابىقىسى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا پائال نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

بەسلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شۆبە مۇسابىقە رايونىنىڭ قايتا مۇسابىقىسىدە، چۆچەك شەھىرى ۋەكىللەر كوماندىسى بىرىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر جاڭ گۇيلى قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنىڭ بىر مەنىۋى خەزىنە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچكە ئېرىشەلەيمەن، ئۇ مېنى تېخىمۇ زور قىزغىنلىق ۋە غەيرەت بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ».