پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10- يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك كېڭەيتىلىشىگە، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋېي داپېڭ ئەترەت باشلاپ يېتەكچىلىك قىلدى.

مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى قىزىل بايراق مەھەللىسى، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش، پارتىيە تارىخى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش، باش تېمىلىق پائالىيەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى. ۋېي داپېڭ يەنە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىزىل بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ۋېي داپېڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگان، كارخانا، مەكتەپ، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە قاتارلىقلارنىڭ ئورۇن فۇنكسىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپى، ئۆگىنىش مەزمۇنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق، ياخشى ئادا قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى ياخشى تۇتۇپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن دولقۇنىغا ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىزىل بايلىقلاردىن جانلىق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭىشى، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تيەن ۋېن يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.