قاتناش تورلاشتى سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ راۋانلاشتى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

كونا قىياپەت يېڭىلاندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار بۇلۇتقا تۇتاشتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىستېرېئولۇق چوڭ قاتناش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئايرودۇرۇم سانى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتتى، تۆمۈريول «يول تورىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى»دىن «رايون تۈگۈنى»گە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناشنى تورلاشتۇرۇش ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى، دۆلەت قاتناش تورىنىڭ «ئاخىرقى ئۇچى»دا تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا ئاسىيا - ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى مەركىزىگە ئۆزگەردى.

قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلەش

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، S21 ئالتاي - ئۈرۈمچى تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى ئاسفالت ياتقۇزۇش ماشىنىلىرى ئۇل قاتلامغا شېغىل يېيىتىۋاتقان، يول چىڭداش ماشىنىسى كەينىدىن ئەگىشىپ مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەممىلا جاي ئالدىراشلىققا تولغانىدى. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 342 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول يىل ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.

ئالتاي - ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى تارىختىكى مەبلەغ سېلىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئەڭ تېز، قۇرۇلۇش سۈپىتى مۇقىم ئۆسكەن مەزگىلگە قەدەم قويدى. شىنجاڭ تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، دەرياغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش روھى بىلەن، تۆمۈريول، تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھە تورىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى كۈنسېرى ئايدىڭلاشتى.

− تاشيول قۇرۇلۇشىدا يول بويى زەپەر مارشى ياڭرىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى سالمىقى مىسلىسىز بولدى، پەقەت «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىلا، شىنجاڭنىڭ قاتناش تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما سوممىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 60 يىلنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، تاشيول يول تورى ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىرنى بۆسۈپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنغان، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، دۆلەت يولى غول لىنىيەسى ئاساسىي رامكا قىلىنغان، جۇڭغار ۋە تارىمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىقنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان ھەم كېسىپ ئۆتىدىغان، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، شەرقتە گەنسۇ، چىڭخەيگە ئۇلىنىدىغان، جەنۇبتا شىزاڭغا تۇتىشىدىغان، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە چىقىدىغان، شىمالدا موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ غول، تارماق لىنىيە تاشيولىغا تۇتىشىدىغان قاتناش تورى شەكىللەندى.

− تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا قەدەم تېز پۇختا ئېلىندى. شىنجاڭ تۆمۈريولى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تاق لىنىيەدىن قوش لىنىيەگىچە، تۆمۈريول ئورۇنلاشتۇرمىسى تۈز سىزىق شەكىللىك، ئاچا شەكىللىك بولۇشتىن، بۈگۈنكى كۈندە لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسى، ئۈرۈمچى - جۇڭغار لىنىيەسى، جىڭ - غۇلجا - قورغاس لىنىيەسى، لەنجوۋ - شىنجاڭ گاۋتيېسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان يېپيېڭى يول تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەرەققىي قىلدى. 2019 - يىلى، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى، بورتالا ئوبلاستى تارماق لىنىيە تۆمۈريولى پۈتتى؛ 2020 - يىلى، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى، گولمۇد - كۇچا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى. كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يۈرۈش مۇساپىسى 2011 - يىلىدىكى 4336 كىلومېتىردىن 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 7720.838 كىلومېتىرغا يەتتى.

− ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك تېزلىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ نۇقتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۇقراۋى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى 22گە يېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇپ قالدى.

ئىستېرېئولۇق «قاتناش چەمبىرىكىنى» تېز سۈرئەتتە شەكىللەندۈرۈش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشتىكى تۆمۈريول، تاشيول چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھالقىسىمان ئىستېرېئولۇق «قاتناش چەمبىرىكى»نىڭ تېز شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

6 - ئاي كىردى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە، پىژغىرىم ئىسسىق ۋە قۇم - بوران تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىغا رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، رېلىس ياتقۇزۇش ماشىنىسى بىر بۆلەك رېلىسنى شىپالغا مۇقىم ياتقۇزۇپ، كېلەر يىلى قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشكە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى، شۇ چاغدا، بىر «زور پولات ئەجدىھا» تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئورايدۇ.

بۇلتۇر 12 - ئايدا، ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ئايلانما لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇنجى ئايلانما لىنىيە تورى. خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتكەندە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى ئايلانما لىنىيە شەكىللىنىپ، تۆمۈريول قاتناش چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

نۆۋەتتە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئايلانما لىنىيەسى تېخى شەكىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى شىنجاڭنى «ئوراپ» بولدى. مەيلى تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىش بولسۇن ياكى جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىش بولسۇن، تېز سۈرئەتلىك دۆلەت، ئۆلكە يوللىرى بىر - بىرلەپ يېپىق ھالقىلارنى شەكىللەندۈردى ھەم زىچ تور ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتۇردى.

«دۆلەت، ئۆلكە يولىنى ئېلىپ ئېيتساق، كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى جېڭ مىڭچۈەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت يولى غول لىنىيەسىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، جۇڭغار ۋە تارىمدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىقنى ئوراپ تۇرىدىغان ھەم كېسىپ ئۆتىدىغان تاشيول قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلدى. «بۇلۇت ئۈستىدىكى ئاممىۋى قاتناش» شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە تىرانسپورت تورىنى بەرپا قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇردى. «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى كۆزلەپ، 22 پۇقراۋى ئايرودۇرۇمغا تايىنىپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300دىن ئېشىپ، «ئۈرۈمچى غەربىي قىسىم تۈگۈن ئايرودۇرۇمى مەركەز قىلىنغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلدى.

شىنجاڭنىڭ ھالقىسىمان ئىستېرېئولۇق «قاتناش چەمبىرىكى» كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئۇنىۋېرسال تۈگۈننى ئاچقۇچلۇق تۇتاشتۇرۇش نۇقتىسى قىلىش ئاساسىدا، كۆپ خىل قاتناش شەكلى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ئالماشتۇرۇلۇپ، «ئىشىكتىن چىقسىلا ماڭغىلى بولىدىغان، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان» قاتناش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى بارغانسېرى قولايلاشتى.

شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش

«ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش» نىشانى ئەمەلگە ئاشتى، «تېزلىتىش» خىزمىتىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى دۆلەت، ئۆلكە يولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياساپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدا، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان، چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان تېز سۈرئەتلىك يول تورىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئومۇمىي مۇساپىسى 5500 كىلومېتىرنى بۆسۈپ ئۆتتى.

«پۈتۈن شىنجاڭدىكى تاشيولنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈرئەتلىك بولۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يول قوش ئايلانما لىنىيەسى تەدرىجىي شەكىللەندى» دېدى جېڭ مىڭچۈەن.

شىمالىي شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ھەمدە G216 لىنىيەسى كۆكتوقاي - ۋۇسەيۋەن تاشيولى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭدا جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. 2021 - يىلى، G216 لىنىيەسى بېيتۈن - كۆكتوقاي تاشيولى پۈتىدۇ، شۇ چاغدا، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يولدا بىر يېپىق ھالقا شەكىللىنىپ، شىمالىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك)يول ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭدىمۇ شۇنداق، نۆۋەتتە لوپ - نىيە - چاقىلىق يۆنىلىشىدىكى تاشيول ۋە لوپنۇر − 35 - تۇەن - چاقىلىق تاشيولى ياسىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ يىل ئىچىدە تۇتاشتۇرۇش پىلانلاندى. شۇ چاغدا، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يول چەمبىرىكى شەكىللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك(1 - دەرىجىلىك) يول ئايلانما لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

شىنجاڭ ئىچى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىش تېزلىتىلدى. 2017 - يىلى، G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىنجاڭغىچە ياسىلىپ، شىنجاڭ G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىن ئىبارەت شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئىككى چوڭ يولنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» − ۋۇتۇڭ داچۈەن - مورى بۆلىكى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىدۇ.

كۆپلىگەن ئايرودۇرۇملارنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى يادرو قىلغان «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈردى، يولۇچىلار تېز سۈرئەتتە شىنجاڭغا كىرىپ چىقالايدىغان بولدى.

تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتناش تورى شەكىللەندى. 2019 - يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا «فۇشىڭ» ناملىق پويىز قاتناپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تۆت سائەتلىك تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورى شەكىللەندى. گاۋتيېنىڭ «يەرگە چاپلىشىپ ئۇچۇش» قالتىس دەۋرى باشلاندى. 2014 - يىلى، لەنجوۋ - شىنجاڭ گاۋتيېسىدا قاتناش باشلىنىپ، ئۈرۈمچىدىن لەنجوۋغا ئەتىگەندە يولغا چىقىپ كەچتە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان بولدى. بۇلتۇر 10 - ئايدا، ئۈرۈمچى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئوق پويىز شەرقتە شىئەنگىچە ئۇزارتىلىپ، ئىككى جاي ئارىسىدىكى ئوق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى 13 سائەتتىن كۆپرەك بولۇپ، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى.

يېشىل تاغلار قېنىق يېشىل تۈسكە كىرگەنىدى، چوڭ يوللار ھەسەن - ھۈسەنگە ئوخشايتتى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى تېزدىن زىچ توقۇلۇپ، تۆمۈريول تورى تەدرىجىي ھالقىسىمان بولۇپ، «بۇلۇت ئۈستىدىكى ئاممىۋى قاتناش» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قاتناش - تىرانسپورت تورى ھەر تەرەپكە تۇتىشىپ، شەھەر بىلەن يېزا - كەنت، چېگرا بويلىرى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تىرىكىگە ئايلاندى.