​ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىشىدا «ئوخشاش بىر شەھەردە ئوخشاش كېسەلنى ئوخشاش باھادا ئوخشاش داۋالاش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچى شەھىرى كېسەللىك دىياگنوزىغا ئاساسەن ئالاقىدار گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ ھەق تۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ

​ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىشىدا «ئوخشاش بىر شەھەردە ئوخشاش كېسەلنى ئوخشاش باھادا ئوخشاش داۋالاش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مىننىڭ 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە چىقىم قىلىش ئىسلاھات خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە چىقىم قىلىش شەكلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەللىك دىياگنوزىغا ئاساسەن ئالاقىدار گۇرۇپپا(DRG)لارغا ئايرىپ ھەق تۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەتنىڭ كېسەللىك دىياگنوزىغا ئاساسەن ئالاقىدار گۇرۇپپا(DRG)لارغا ئايرىپ ھەق تۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، 9 - ئايدىن باشلاپ، ئالتە دوختۇرخانىدا ئەمەلىي ھەق تۆلەشنى قانات يايدۇرىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىدا «ئوخشاش بىر شەھەردە ئوخشاش كېسەلنى ئوخشاش باھادا ئوخشاش داۋالاش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

بۇ ئالتە دوختۇرخانا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى.

كېسەللىك دىياگنوزىغا ئاساسەن ئالاقىدار گۇرۇپپا(DRG)لارغا ئايرىپ ھەق تۆلەش ئاغرىقنىڭ يېشى، جىنسى، ئوپېراتسىيە تۈرى، ئەگەشمە كېسەللىكلىرى، دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى، دىياگنوز مەزمۇنى، داۋالاش نەتىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، كېسەللىكنى بىرقانچە دىياگنوز قويۇش گۇرۇپپىسى(دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئايرىلغان ئاساسىي گۇرۇپپا 618 گۇرۇپپا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆلچەم بويىچە ئايرىغان گۇرۇپپا 716 گۇرۇپپا)غا ئايرىپ، داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى دوختۇرخانىلار بىلەن ھەرقايسى دىياگنوز قويۇش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەق تۆلەش ئۆلچىمىنى كېڭىشىپ بېكىتىپ، داۋالىنىش كاپالىتى تارماقلىرى ئۆلچەمگە ئاساسەن دوختۇرخانىغا ھەق تۆلەشنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تېببىي دورا مۇلازىمىتى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى سۈن يۈجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ 716 كېسەللىك گۇرۇپپىسى نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرخىل دوختۇرخانىدا يېتىش ئەھۋالىنى قاپلىدى، مەسىلەن، كىلىنىكىلىق خاراكتېرى ئوخشاشلار، داۋالاش بايلىقى سەرپىياتى يېقىن كېلىدىغانلار قاتارلىقلار، لېكىن روھىي كېسەل تۈرىدىكىلەر، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىدىكىلەر ۋە پەرۋىش قىلىش تۈرىدىكىلەر قاتارلىق دوختۇرخانىدا يېتىش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان ئاغرىقلارنى بۇنىڭغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ.

«DRG ھەق تۆلەشتە كېسەللىكلەر گۇرۇپپىسى راسچوت بىرلىكى قىلىنىدۇ، باشلانغاندىن تارتىپ داۋالاش ئاخىرلاشقىچە تەخمىنەن قانچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاشتا بىرقەدەر ئىلمىي بولغان ھېسابلاش مېخانىزمى بار بولۇپ، بۇ، دوختۇرخانىلارنى دورىنى قېلىپلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق ئىشلىتىش، دوختۇرخانىدا يېتىش كۈن سانىنى قىسقارتىش قاتارلىقلارغا مەجبۇر قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاغرىقلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن مۇۋاپىق باھادا بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.» سۈن يۈجيې مۇنداق دېدى: ئاغرىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ بىۋاسىتە پايدىسى شۇكى، دوختۇرخانىدا ياتقاندا كۈندىلىك ھېسابات تىزىملىكىنى تەكشۈرمىسىمۇ بولىدۇ، بىر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن قانچىلىك چىقىم قىلىش، شەخس قانچىلىك چىقىم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى ئېنىق.

سۈن يۈجيې مۇنداق چۈشەندۈردى: مەسىلەن، ئاغرىقلار سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىك گۇرۇپپىسىغا كىرسە، بۇ كېسەللىك گۇرۇپپىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمى 5000 يۈەن بولىدۇ، شەخس 1500 يۈەننى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاغرىقلارنىڭ بارلىق تەڭ دەرىجىلىك DRG ھەق تۆلەش داۋالاش ئاپپاراتىدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشتا ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجىتى ئوخشاشلا 1500 يۈەن بولىدۇ، ئىلگىرىكىدەك تەڭ دەرىجىلىك ئوخشىمىغان دوختۇرخانىلاردا ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەت ئوخشاش بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. يەنى، DRG ھەق تۆلەش بويىچە بولغاندا، كېيىن ئاغرىق دوختۇرخانىدا ياتقاندا «ئوخشاش بىر شەھەردە ئوخشاش كېسەللىكنى ئوخشاش باھادا ئوخشاش داۋالىتالايدۇ»، بۇ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشقا يۈزلىنىشىنى تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىدا ياتقان ئاغرىقنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، DRG ھەق تۆلەش ئارقىلىق دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، داۋالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك، يېنىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى 2 - دەرىجىلىك ياكى 1 - دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئۈنۈملۈك يۈزلەندۈرۈشنى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.