ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

日期:2021年06月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىگە شىنجاڭنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان، تارىختىن بۇيان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شەرق - غەرب مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم يول، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

جۇڭگودا «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن ماقال بار. بۇلتۇر 10 - ئايدىن بۇيان، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ھەمدە تاراتقۇ زاتلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار قاتارلىقلار جۇڭگو شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق - ئاشكارا، سەمىمىي بولۇپ، ھەممىسى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. شىنجاڭ دوستلارنىڭ كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىدۇ.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كونكرېت ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئىچىدە، كۆپ تۈرلۈك ۋەزىپە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، ئاشلىق، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت تەرەققىياتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، مۇھىت قوغداش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى تۇرۇشلۇق تەشكىلاتلار جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئاساسلىق ساھەلەر. بۈگۈنكى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئالاقە ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ قېلىشىنى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇدۇللىشىپ، بەزى ئورتاق تونۇش ۋە كونكرېت ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا نازارىتى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، پەن - تېخنىكا نازارىتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى قاتارلىق كۆپ تارماقلار ئۆز ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.