پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10- يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى

日期:2021年06月09日
来源:天山网
【字体:

​چېن چۈەنگو، ۋېي داپېڭ دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋېي داپېڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەربىيەلەش يىغىنى قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو شىنجاڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شېن چۇەنباۋ ۋە مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى باشقا يولداشلار، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن ئەمەلىي خىزمەتنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمى بىلەن خىزمەتنىڭ بىر - بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كەيپىياتى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشتە زىممىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

ۋېي داپېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 10 - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چۈشىنىش، ئىگىلەش، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، كېڭەيتىش، ۋاقتىدا پىكىر - تەكلىپ بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا مەھكەم تايىنىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى چىڭىتىپ، خىزمەت ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇندايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.