ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كىتاب ئوقۇش ئېيى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

日期:2021年04月28日
来源:天山网
【字体:

[پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش ئەمەلىي ئىش قىلىش يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش]

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىجاۋ شىياخەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا، شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 2-يىللىق (10)-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى فەن يەنلىڭ دەل ۋاقتىدا مۇنبەردە تۇرۇپ، دەرستىن بۇرۇنقى بەش مىنۇتلۇق پارتىيە تارىخى مىكرو لېكسىيەسىنى باشلاپ، «پارتىيە تارىخىدىكى بۈگۈنكى كۈن»نى بايان قىلدى.

«بىز مىكرو لېكسىيە، قىزىل كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن مۇستەھكەم ئېتىقادنىڭ مەنىۋى كۈچىنى قوبۇل قىلىش، غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلىدۇق، يېتەكلىدۇق» شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ شىن شۇنداق بىلدۈردى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى كىتاب ئوقۇش ئېيى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، نازارەت ئورگىنى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق مەكتەپلەردە «ئۆگىنىش، ئوقۇش، سۆزلەش، مۇسابىقىلىشىش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن پۇختا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىر قاتار ئۆزگىچە، يارقىن نۇقتىلىق كىتاب ئوقۇش ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە كومىتېتى كىتاب ئوقۇش ئېيى پائالىيىتىنىڭ ۋاسىتىسى ۋە شەكلىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى ۋە ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن كىتاب ئوقۇش تەربىيەسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش مەخسۇس سىنىپى قۇردى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىنىپتا كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئېچىش، دەرستىن بۇرۇنقى بەش مىنۇتلۇق پارتىيە تارىخى تەربىيەسى لېكسىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىكناخشىسىئېيتىش، كىلاسسىك شېئىر-ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، «پارتىيە تارىخىدىكى بۈگۈنكى كۈن»نى سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پەنلەر ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تۆت پارچە «بەلگىلەنگەن كىتاب»نى چۆرىدەپ، ھەر كۈنى بىر سائەت كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى. ياچېيكىنىڭئۆگىنىش تەربىيەسىدە، نۇقتىلىق سۆز قىلىش بىلەن كوللېكتىپ تەتقىق قىلىش-مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش بىلەن سىستېمىلىق ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش ۋە ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسى ئاچتى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مىكرو دېكلاماتسىيە، مىكرو بەھرىلىنىش شەكلىنى قوللىنىپ، ھەر ھەپتىلىك مەركەزلىك ئۆگىنىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئاچتى.

«نازارەت پارتىيە گۇرۇپپىسى، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن يېتەكلەپ ئۆگىنىپ، يېتەكلەپ ئوقۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، ئەگىشىپ ئوقۇپ، تەتقىق قىلىش-مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ياخشى ئۆگىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى. بىز يەنە كۆپ خىل شەكىلدىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلىملىرى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مۇسابىقە ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈم-نەتىجىسىنى ھەقىقىي تۈردە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئورگان پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى چى جيەنجۈن.