«پەرىشتە سەپىرى − شىنجاڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» بايىنغولىن ئوبلاستىغا كىردى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 17 ئاغرىق بالا قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە ئېرىشىدۇ

日期:2021年04月27日
来源:天山网
【字体:

​ تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى لىڭ خەۋەر قىلىدۇ)تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش ئۈچۈن، يېقىندا، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى ۋۇشى مىڭسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، شاڭخەي دېدا دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ «پەرىشتە سەپىرى − شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»نى باشلىدى. تاسقاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 17 ئاغرىق بالا ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ئىچكىرى رايونلارغابېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىدۇ.

4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ۋۇشى مىڭسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كورلا شەھىرى، خېجىڭ ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى ۋە چەرچەن ناھىيەسىگە بېرىپ، نەق مەيداندا سوراپ دىياگنوز قويۇش، يۈرەكنى رەڭلىك B چاۋدا تەكشۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئاغرىق بالىلارنى تەپسىلىي تەكشۈردىھەم داۋالاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ كۈندە، مۇتەخەسسىسلەر بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار جەمئىي 207 ئاغرىق بالىنى ھەقسىز تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوپېراتسىيە قىلىش كۆرسەتكۈچ بەلگىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىغان ئاغرىق بالا 17.

بۇ قېتىمقى جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «پەرىشتە سەپىرى − شىنجاڭدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق بالىلارنى تاسقاپ تەكشۈرۈپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» 0 ياشتىن 18ياشقىچە بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىق بالىلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى ئاممىۋى مەنپەئەت تۈرى بولۇپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، قىزىل كىرېستنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق، تۆھپە قوشۇش روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋج ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مېھىر-شەپقەت كۈچلىرىنى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئاغرىق بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەشكە قاتنىشىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.

تاسقاپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاغرىق بالىلار ۋۇشى مىڭسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىدۇ، داۋالاش جەريانىدا ئاغرىق بالىلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ئۆزى تۆلىشى ھاجەتسىز، جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتى ياردەمگە ئېرىشكەن ئاغرىق بالىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلغاندىن باشقا ئۇلارنى داۋالىنىش ھەققى ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇھەم بىر ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىئائىلە تەۋەسىنىڭبېرىپ-كېلىش قاتناش ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئاغرىق بالىلارنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش تېخنىكىسى، ئەسلىھەسى ۋە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمكانقەدەر ئەڭ زور دەرىجىدە ئاغرىق بالىلارنىڭ ئائىلە يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.