خالىس كېسەل كۆرۈش ئىشىك ئالدىغىچە كەلدى، مۇلازىمەت كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

日期:2021年04月26日
来源:天山网
【字体:

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

«تۇز، سېمىز گۆش، شېكەرنى ئاز يەڭ، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ۋاقتىدا ئىچىڭ...» 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 8لەر ئەتراپىدا، لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسىنىڭ جايتوغراق كەنتىدە 70 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مەمەت ئېزىز قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنى ئالغاچ، ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىدى. ئون كۈن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەييارە داۋالاش ئەترىتى كەنتتە خالىس كېسەل كۆرگەندە، مەمەتتە يۇقىرى قان بېسىم بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، ھەقسىز تارقىتىلغان قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسىنى ئىچكەندىن كېيىن، بېشى ئاغرىش، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى خېلىلا پەسەيدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرى، داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرى پائال تۈردە سەييارە داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ، چەت - ياقا رايونلار، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باشقۇرۇپ ۋە ئارىلىشىپ، «كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىش»نىڭ يۈزبېرىشىنى ئۈنۈملۈك توستى ۋە ئازايتتى.

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 9دا، لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازىرى باشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى 1 - تۈركۈمدە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەييارە داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى تىزىملاپ، قائىدىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇلار ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ، 12 كەنتتە 1448 ئادەم قېتىم خالىس كېسەل كۆرۈپ، يۇقىرى خەۋپ كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان 70 ھامىلىدار ئايالنى تاللاپ تەكشۈردى. تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش پىرىنسىپى بويىچە، بىر قېتىمدىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ئاغرىقلارغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ئوپېراتسىيەدىن يەتتىنى تاماملىدى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە داۋالاش سەييارە مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش كۈچلىرى نىسبەتەن ئاجىز بولۇشنى ھەل قىلىپ، ئەلا داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش تەدبىرى، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. بەش يىلدىن بۇيان، 11 سەييارە داۋالاش ئەترىتى جەمئىي 491 مىڭ ئادەم قېتىم خالىس كېسەل كۆردى، 3259 مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، 793 مىڭ كەنت ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزدى، قىممىتى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دورا بۇيۇملىرىنى ھەقسىز تارقاتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەييارە داۋالاش ئەترەتلىرى بۆلۈنۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىش بىلەن بىللە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى داۋالاش ئەترەتلىرىمۇ خالىس كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنى ئېگىزلىككىچە، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگىچە ئۇزارتتى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قوغۇشلۇق يېزىسى بىلەن قەشقەر شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 300 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، ھەر قېتىم خالىس كېسەل كۆرگىلى بارغاندا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار توققۇز سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرىدۇ. 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 9دا، شېنجېن «ساغلاملىق كارۋىنى» يەنە بىر قېتىم قوغۇشلۇق يېزىلىق دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدى. ئۈچ ياشلىق ئەنۋەر نەزەرئېلى ساقلاپ تۇرۇۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بولغان كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ كونا دوستىنى قۇچاقلىۋالدى.

بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، چەت - ياقا رايونلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خالىس كېسەل كۆرۈپ، خالىس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «داۋالاش چوڭ بازىرى»، شاڭخەي «يېڭى توغراق» داۋالاش ئەترىتى، شېنجېن «ساغلاملىق كارۋىنى»... ھەربىر ياڭراق نام تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە تارقالدى.

2020 - يىلى، شېنجېننىڭ «ساغلاملىق كارۋىنى» خالىس كېسەل كۆرگەندە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇر جوۋ جىن كەنت دوختۇرىنىڭ ئېغىزىدىن ئەنۋەرنىڭ يېتىلىشى نورمال بولسىمۇ، لېكىن ئىككى پۇتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىچ مايماق ئىكەنلىكى، تاپىنىنىڭ يەرگە تەگمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بالىنىڭ يول يۈرۈشىنىڭ قۇلايسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، خالىس كېسەل كۆرۈش ئاخىرلىشىش بىلەنلا، جوۋ جىن ۋە تۆت مۇتەخەسسىس ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى.

«ئىككى پۇتى تۇغما خاراكتېرلىك ئىچ مايماق»، بۇ دىياگنوز نەتىجىسى ئەنۋەرنىڭ ئاپىسىنى چۆچۈتۈۋەتتى، كۆپ تەرەپ ماسلىشىش ئارقىلىق، داڭلىق سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭشەن داشۆسى قارىمىقىدىكى 8 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى شېن خۇييۇڭ كوللېكتىپنى باشلاپ تاشقورغانغا كېلىپ، ئەنۋەرنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدى.

خالىس كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ دېھقان - چارۋىچى ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلاپ، ئاڭلىق ھالدا ساغلام تۇرمۇش شەكلى ھەم يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈردى.