قەھرىمان - نەمۇنىچىلار روھىدىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش كېرەك

日期:2021年04月26日
来源:天山网
【字体:

شەۋكەت ئىمىن لاچىن بايەكەنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى

قەھرىمان - نەمۇنىچىلار روھىدىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تىزناپ يېزىسىغا كېلىپ، «دەۋر نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى لاچىن بايەكەنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

يولداش لاچىن بايەكە ھايات ۋاقتىدا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى، مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ئىدى. ئۇ، دادىسى، بوۋىسى بولۇپ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ 70 يىل كۈچ ئۇلاپ چېگرانى قوغداشتەك ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش ئۇلۇغ ھەرىكىتى سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، لاچىن بايەكە كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەختكە قارشى باتۇرلارچە قۇربان بولدى، شۇ چاغدا ئۇ 41 ياشتا ئىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنىڭغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى.

شەۋكەت ئىمىن لاچىن بايەكەگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئارقىدىن، نەق مەيداندا ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى لاچىن بايەكە ھايات ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ۋەكىللەر تەكلىپىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بېرىشكە ماسلاشتۇردى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: يولداش لاچىن بايەكە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاۋانگارت نەمۇنىچى، قەتئىي ھالدا چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى سادىق قوغدىغۇچى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشتىكى دەۋر نەمۇنىچىسى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار لاچىن بايەكەنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، سادىقلىق بىلەن پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سادىقلىق بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك غايە - ئېتىقادنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «14 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۇنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خىزمىتىگە سادىق بولۇشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاددىيلىق ئىچىدە ئۇلۇغ كىشىلىك ھاياتنى پۈتۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمان - نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەنە تىزناپ يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ نىزام چىقىرىشقا بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنىڭ «ئۇدۇل يول»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش بويىچە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

لى نىڭپىڭ، مۇتەللىپ روزى ھال سوراشتا بىللە بولدى.