ئاياغلار توپىغا مىلەندى قەلبلەر چىن مۇھەببەتكە تولدى

日期:2021年04月20日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭدىكى 12 مىڭ نەپەر 1 - شۇجى چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ سەلتەنەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلىنىدىغىنى قاتتىق قىيىنچىلىقلار، ئېلىپ بېرىلىدىغىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى. سىجىل جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلاندى، بولۇپمۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلار بۇنىڭ ئىچىدىكى تايانچ كۈچ بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار 12 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كادىر، زاپاس كادىرنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى كەنتلەردە 1 - شۇجى بولۇشقا ئەۋەتتى. ئۇلار يېزا - كەنتلەر، ئېتىز - دالىلاردا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ سەلتەنەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

يىراققىچە ئۇزىتىش مېھىرنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن

ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىگە ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شيې گوجېڭ يەنىلا خوشلاشقان ئاشۇ سەھەرنى ئۇنتۇيالمىدى.

1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، قەھرىتان سوغۇق ئىدى. ئەتىگەندىلا، نىيە ناھىيەسىنىڭ ئەندىر يېزىسى كەشمىكۆل كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا نەچچە يۈز كەنت ئاھالىسى يىغىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىدىن نىيە ناھىيەسى ئەندىر يېزىسىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، كەشمىكۆل كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شيې گوجېڭنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان كەنت ئاھالىلىرى ئىسسىق تۇخۇم، نان، چىلان، قوغۇنلارنى ئېلىپ ئۆزلۈكىدىن ئۇزاتقىلى كەلدى.

ئۈرۈمچىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئەندىر يېزىسىغا كەلگەن شيې گوجېڭ شۇ تۇرغىنىچە تۆت يىل تۇردى. تۆت يىلدا، شيې گوجېڭ خىزمەت ئەترىتىنى يېتەكلەپ شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا ئىش كۆرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى، كاللىسىنى «بېيىتتى». شيې گوجېڭ ئايرىلىدىغان چاغدا، كەشمىكۆل كەنتىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 1 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەنتلەردە تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن 1 - شۇجىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشتى، بۇنداق ئۇزىتىش مەنزىرىسىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولاتتى.

ئاياغلار توپىغا قانچىكى مىلەنسە، قەلبلەر چىن مۇھەببەتكە شۇنچە تولدى. ئاممىنىڭ كۆزلىرىدىكى قىيالماسلىق كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلارنىڭ خىزمىتىگە بولغان تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدى. بۇنىڭ ئارقىسىغا 1 - شۇجىلارنىڭ يىلنى - يىلغا ئۇلاپ سەرپ قىلغان جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن.

«ئىرادەم تاغ چوققىسىدىن ئېگىز، سۆڭىكىم تاشتىنمۇ قاتتىق، خۇشاللىقىم ئوكسىگېندىن كۆپ.» بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، قەشقەر داشۆسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن بەلدىر يېزىسىنىڭ كەرياڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى شيۇڭ چىجوۋنىڭ ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر جۈملە سۆزى.

شيۇڭ چىجوۋ تۇنجى كۈنى كەنتكە يېتىپ كەلگەندە قاش قارايغانىدى، ھېرىپ - چارچاش ۋە ئېگىزلىككە تۇنجى كەلگەندىكى بىئاراملىققا قارىماي، ئۇ دەرھال كەنت كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشى قولايسىز بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن تەتقىق قىلىپ، كەنتتە يەكشەنبە بازار ئېچىشنى تەشكىللىدى، كەنتتىكى ناۋاي، ھۈنەرۋەنلەرنى يىغىپ، ھەم ناھىيە بازىرىدىكى تاللا بازىرى تىجارەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كەنتكە ئەكېلىپ، دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتى. كەنت ئاھالىسى ئەلىبېك تۆرەقۇل دوپپا سېتىپ تاپقان 200 يۈەن پۇلنى ئېلىپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

چىن مۇھەببەت بەدىلىگە كەلگىنى نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئۈزۈلمەس چوڭقۇر، قويۇق مېھىر بولدى.

كەنتتە تۇرۇپ پۇقرالارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر «ئورناش»

«كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى چىگىش، مۇرەككەپ، لېكىن ئالدى بىلەن پۇقرالارنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈش كېرەك، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىچىك ئىشى دەل مەن ھەل قىلىدىغان چوڭ ئىش.» بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، مەكىت ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن تاۋار كېسىك كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى پەن چىۋېن دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر جۈملە سۆز.

كەنتتە تۇرغان مەزگىلدە، ئۇ قەلبنى ئىللىتىدىغان نۇرغۇن ئىشنى قىلغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى سەمىمىي ھالدا «ئۆزىمىزنىڭ قىزى» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

كەنت ئاھالىسى داۋۇت مەمەتنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالغاندا، پەن چىۋېن دەرھال ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، نومۇر ئېلىش، پۇل تاپشۇرۇشقا ياردەملىشىپ يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش بولدى. 2019 - يىلى، كەنتتىكى بىر ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بېرىپ داشۆگە ئۆتكەندە، ئوقۇش ھەققىنى تاپشۇرالماي قالدى. پەن چىۋېن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى يەرنى ئوبوروت قىلىپ بەردى، يەنە تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن 1000 يۈەن بەردى. كېيىنكى مەزگىلدە، ئۇ جېجياڭ نىڭبودىكى بىر شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىنى ھەر يىلى 1000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىدى.

«يۈەن شۇجى بولمىغان بولسا، بالام جېنىدىن ئايرىلغان بولاتتى» دەيدۇ ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى تۆۋەنكى تىگىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۈسەن ئابلا ئۇچرىغانلا كىشىگە.

يۈەن خۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى. ھۈسەننىڭ ئوغلىنىڭ قان نوكچىسى مەنبەلىك قان پلاستىنكىسى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۈەن خۇڭ بالىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ داۋالىتىپلا قالماي، يەنە بالا ئۈچۈن داۋالىنىش خىراجىتى توپلىدى.

ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۈەن خۇڭ شىكايەت تەلەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ جەملەپ تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، بىرنى ھەل قىلسا بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

2018 - يىلى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى شاۋ شياڭلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىگە كېلىپ 1 - شۇجىلىقنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ جايدا، 70 ياشقا يېقىنلاشقان بوۋاي - موماي ئۇنىڭ ياردىمىدە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى تەل بولغان يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى؛ ھۆرىخان جۈمە ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى، شاۋ شياڭلى پۇل چىقىرىپ ئۇلارغا دورا ئېلىپ بەردى...كەنتتە تۇرغان ۋاقتى ئىككى يىل بولمايلا، شاۋ شياڭلى ئۆز يېنىدىن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى.

2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شاۋ شياڭلى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قايتتى. كەنت ئاھالىلىرى تەرەپ - تەرەپتىن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ چوڭ ھويلىسىغا كېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى، بەزىلىرى قۇرۇق يەل - يېمىش، بەزىلىرى نان ئېلىپ كەلدى، بەزىلەر كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا شاۋ شياڭلىنى قۇچاقلىۋالدى... ئاستا - ئاستا يىراقتا قېلىۋاتقان كەنتكە قاراپ، 1 مېتىر 80 سانتىمېتىرغا يېقىن كېلىدىغان بۇ بەستلىك ئەزىمەتنىڭ كۆز يېشى مارجاندەك تۆكۈلدى.

بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش

يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسىدا، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىدىن تاغارچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋۇ ديەنپىڭ كەنتتە تۇرغان ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەسئۇل بولغان ئالتە كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى، ئەمما ۋۇ ديەنپىڭنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتتى.

مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىزىدىكى «چوڭ كادىر» ئىدى، لېكىن ۋۇ دىيەنپىڭ قارىماققا دېھقانغا تېخىمۇ ئوخشايتتى. ئېتىز بېشىدا، ھەمىشە ئۇنىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە يەر ئاغدۇرۇۋاتقانلىقى، ئوغۇت بېرىۋاتقانلىقى، ئوت ئوتاۋاتقانلىقى، كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ئۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى... خىزمەتداشلىرى دائىم بۇ ئۈچ يىلدا ئۇ بەكرەك قېرىپ كەتتى، مۈكچىيىپ قالدى، ئاق چاچلىرىمۇ كۆپىيىپ كەتتى، دەيدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن ئىش، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلار ئومۇم ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە.

2018 - يىلى 5 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشئېرىق يېزىسى توغرىئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى گاۋ دا خىزمەت ئۈستىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، يان بىلەك سۆڭىكى پارچىلىنىش خاراكتېرلىك سۇنۇپ كېتىپ، سول بىلىكىگە ئالتە پولات مىخ ئۇرۇلدى. ئۇ پەقەت بەش كۈنلا دەم ئېلىپ، قەتئىيلىك بىلەن كەنتكە قايتىپ كەلدى. يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، دوختۇرخانا كېسىلى خەتەرلىك باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى چۈشۈردى. كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، دوختۇر ئۇنىڭغا كارىۋاتتىن چۈشمەي ئالتە ئاي دەم ئېلىشنى تاپىلىدى، ئەمما دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ يەنە نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىگە قايتىپ كەلدى.

گاۋ دانىڭ يېتەكچىلىكىدە، توغرىئېرىق كەنتى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇپ باھالاندى.

گاۋ دانىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلىنىپ، يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىيەلىگەنلىكىم ھاياتىمدىكى شەرىپىم ۋە بايلىقىم».

بۇمۇ شىنجاڭدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق 12 مىڭ نەپەر 1 - شۇجىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.