60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى ياشانغانلارغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش تەكلىپى بېرىلىدۇ

日期:2021年04月20日
来源:天山网
【字体:

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ مېڭرەن

نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھەرقايسى جايلاردا ۋاكسىنا ئەملەش ئاساسلىقى 18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ياش بۆلىكىدىكى كىشىلەر توپىغا قارىتىلغانىدى. يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا 60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى. ياشانغانلارغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش زۆرۈرمۇ؟ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش سوزۇلما كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتەمدۇ؟ ۋاكسىنا ئەملەش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ئىشلار بار؟ ئاممىنىڭ گۇمانىي سوئاللىرىغا قارىتا، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاشنى پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قەيسەر ئوسمان يېشىپ جاۋاب بەردى.

قەيسەر ئوسمان مۇنداق بىلدۈردى: 60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى كىشىلەر توپى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئېغىر كېسەل بولۇش، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. 1 -، 2 - باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر توپىغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش بىخەتەرلىكى ياخشى بولۇپ، 18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى نېيتراللاشتۇرۇش ئانتىتېلاسىنىڭ تېمىش دەرىجىسى سەل تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما نېيتراللاشتۇرۇش ئانتىتېلاسىنىڭ مۇسبەتكە ئايلىنىش نىسبىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، ۋاكسىنىنىڭ 60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى كىشىلەر توپىغىمۇ بەلگىلىك قوغداش رولى بارلىقى ئەسكەرتىلىپ، ۋاكسىنا ئەملەش تەكلىپى بېرىلىدىكەن.

«ياشانغانلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملىتىشتىن بۇرۇن، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، تېببىي خادىملارغا ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇشى كېرەك، دوختۇر ياردەم قىلىپ ۋاكسىنا ئەملەشكە بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ياشلارغا سېلىشتۇرغاندا، 60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى ياشانغانلار، بولۇپمۇ چوڭ ياشلىق ياشانغانلار ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن بۇرۇن، ۋاكسىنا ئەملەش ئورنىدىكى تېببىي خادىملار ياشانغانلار ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي كېسەللىك ئەھۋالى، دورا ئىشلىتىش ئەھۋالى ھەم كېسەللىك تارىخى، زىيادە سەزگۈرلۈك تارىخى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سوراپ، خاتىرىلەپ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاپ، تېببىي تەكلىپ بېرىشى كېرەك.» قەيسەر ئوسمان مۇنداق دېدى: سالامەتلىك ئەھۋالى مۇقىم، دورا بىلەن كونترول قىلىنىشى ياخشى بولغان 60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىغا قارىتا بالدۇرراق ۋاكسىنا ئەملىتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، لېكىن جىددىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ياكى سوزۇلما كېسەلنىڭ جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدىكىلەر، ياكى كونترول قىلىنمىغان ئېغىر سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەش تەكلىپى بېرىلمەيدۇ.

قەيسەر ئوسمان مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، پېنىتسىللىن تەركىبى يوق بولۇپ، ئىلگىرى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم رېئاكسىيە قىلىدىغان ياكى گۈل چېڭى، باشقا دورىلار (مەسىلەن: پېنىتسىللىن) رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا، ئەگەر سالامەتلىك ئەھۋالى ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ۋاكسىنا ئەملەشكە بولىدۇ.