بىر ئىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش

日期:2021年04月20日
来源:天山网
【字体:

□ جاڭ خەيفېڭ

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى «گۆھەر زېمىن»ى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىن چىققان بىر قاتار مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار ئارقا - ئارقىدىن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ قىزغىن دىققىتىنى قوزغىدى.

شىنجاڭ يەنە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش مۇھىتى ئەڭ جاپالىق رايونلارنىڭ بىرى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى دۇنيا» فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ فوتوگرافى ليۇ يۈشېڭنىڭ ئەسىرى ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى − 1988 - يىلى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، كىروران قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدە 22 كۈن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، ئۇ فوتو ئاپپارات ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ ئىنتايىن ناچار مۇھىتتىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش كۆرۈنۈشىنى خاتىرىلىدى، بۇ كۆرۈنۈشلەر كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، گەرچە ئارخېئولوگىيە تېخنىكىسى ۋە جابدۇقلىرى يېڭىلىنىپ دەۋر ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن ئارخېئولوگىيە يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى چۆل - باياۋان، ئادەمسىز رايوندا بولغاچقا، تۇرمۇش ۋە خىزمەت شارائىتى يەنىلا ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، ھەتتا تۈرلۈك خەتەرلەرمۇ مەۋجۇت ئىدى. شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: «ئارخېئولوگىيە خادىملىرى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيمىسە، <بىر ئىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش> ھېسسىياتىغا ئىگە بولمىسا، داۋاملاشتۇرۇش تەسكە توختايدۇ» دېدى.

ئۇلار ئۆمۈر بويى ئەجىر قىلىپ، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي يولدا ئىزدىنىپ، ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەنزىرىلىرىنى «جانلاندۇرۇپ»، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى موللاشتۇردى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق تارىخنى ئەمەلىي دەلىللەپ، ئاساسىدىن تۈزەپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇردى، گەرچە ئۇلار چۆل - باياۋاندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپتى.

شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ «بىر ئىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش»ىنىڭ ئارقىسىدىكىسى كىشىنى قايىل قىلىدىغان بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقى. مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىمۇ مۇشۇنداق ھېسسىيات ۋە مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، يارقىن، قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت ئىچىدە قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، «ئاسماننىڭ قەرىگە چىقالايدىغان، يەرنىڭ تەكتىگە كىرەلەيدىغان» قەتئىيلىك بىلەن، باشقىچە خىياللاردا بولماي، چوڭقۇر قېزىپ، تىرىشىپ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇشى كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)