4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن بولىدۇ

日期:2021年04月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى4-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بىرقەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئۈچ سېلسىيە گىرادۇستىن بەش سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنرەك بولىدىكەن.

4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ؛ تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇستىن ئون سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسىتۆت سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋە 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئىككى سېلسىيە گىرادۇستىن نۆل سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ.

شۇ چاغدا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ياكى يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدۇ (تاغلىق رايوندا قار ياغىدۇ). شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا 10 بالدىن 11 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقى، قومۇل شەھىرىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇم-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، قىسمەن جايلىرىدا قۇم ئۇچۇش ياكى قۇم-بوران كۆرۈلىدۇ. (مۇخبىر يۈ مېڭفەن)