يەكەن-خوتەن Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا سىم تارتىلدى

日期:2021年04月19日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان يەكەن-خوتەن Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ Ⅱ بۆلەك ئايرىمىسىغا سىم تارتىلىشقا باشلىدى، بۇ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سىم تارتىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يەكەن-خوتەن Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 1 مىليارد 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، پۈتكەن 750 كىلوۋولتلۇق يەكەن تىرانسفورموتور پونكىتىدىن باشلىنىپ، پۈتكەن 750 كىلوۋولتلۇق خوتەن تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ. لىنىيە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسىدىن ئۆتىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 326 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇش 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 2021-يىللىق ئىسسىنىش پەسلىدىن بۇرۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»نىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، خوتەندە ئېلېكتىر تورى يۈكىنىڭ ئېشىشى تېز بولدى، ئېلېكتىر تورى كۈچىنى تولۇقلاپ، كەسمە يۈزنىڭ توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان توك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىلا قالدى، يەكەن-خوتەن Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بۇنىڭ بىلەن كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

«ھازىر قۇرۇلۇش سىم تارتىش باسقۇچىغا كىردى، ھەرقايسى بۆلەك ئايرىمىسى قۇرۇلۇش قىلىش پىلانىغا ئاساسەن پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، قۇرۇلۇش قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ۋە ياز پەسلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا سىنىقىغا دۇچ كېلىدۇ، بىز جەرياندىكى سۈپەتنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىك ئىجازىتىنى چىڭ ئىگىلەپ،قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئەلا سۈپەتتە، يۇقىرى ئۈنۈمدە، ئۆز قەرەلىدەتاماملاشقاھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتى يەكەن-خوتەن Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش-توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى كەسىپ تۈرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ما جۇڭلۇڭ.

بۇ قۇرۇلۇش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (بىرىنچى قارار) قۇرۇلۇشىدىكىيۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر تورىنىڭ تەركىبىي قىسمى، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، خوتەن ئېلېكتىر تورى ۋە شىنجاڭ ئاساسىي ئېلېكتىر تورىنىڭ باغلىنىشى كۈچەيتىلىپ، خوتەن ئېلېكتىر تورىنىڭ توك تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك تەمىنلەش ئىشەنچلىكلىكى ئۆستۈرۈلۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش ۋە ئىشلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، ئۆزئارا تولۇقلاش زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى بايلىقىنى تەقسىملەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىشەنچلىك تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.