گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىدىكى گۈل دېڭىزى گۈزەل مەنزىرىسى مېھمانلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە

日期:2021年04月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە،10-نۆۋەتلىك جۇڭگو گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ) بۇ يىل 5-ئايدا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، نۆۋەتتەشىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى جىددىي ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسى كەڭ كۆلەمدە تېرىلغان خوتەن قىزىلگۈلى ۋە ئۈستىقۇددۇسنى ئاساسقىلغان بولۇپ، تاماشىبىنلارغا خۇش پۇراق ۋە رومانتىكىلىقنى تولۇق ھېس قىلدۇرىدىكەن.

گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنىڭ زال سىرتىدىكى كۆرگەزمە باغچىسىغا ئېگىزدىن قارىغاندىكى ئۈنۈم خەرىتىسى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەمىنلىگەن

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ كۆرگەزمە رايونى زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسى ۋە زال ئىچى كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسى گۈل-گىياھ كۆرگەزمەباغچىسى دۆلەت ئىچى كۆرگەزمە رايونىغا جايلاشقان، كۆلىمى 1500 كىۋادرات مېتىر؛ زال ئىچى كۆرگەزمە رايونى گۈللىنىش سارىيىغا جايلاشقان، كۆلىمى 100 كۋادرات مېتىر. زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسىنىڭ لايىھەسىدە «گۈل ئېچىلىپ مېۋە-چېۋىلەرخۇش پۇراقچېچىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «بىر بەلباغ، تۆت باغچە»نىڭ مەنزىرە ئورۇنلاشتۇرمىسى قوللىنىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ» بىر رەڭدار گۈل بەلبېغى شەكىللەندۈرۈلۈپ، يىپەك يولىغاسىمۋول قىلىنغان، «بىر بەلباغ، بىر يول»ھەممە باغچىنى تۇتاشتۇرغان.«تۆت باغچە» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامايان قىلىنغان ئانار باغچىسى، شاڭخەيلىك زىيالىلارنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان تىيانشان قار لەيلىسى باغچىسى، گۈزەل شىنجاڭ نامايان قىلىنغان ئۇزۇن كارىدورلۇق يۆگىمەرەسىم باغچىسى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

زال سىرتىدىكى كۆرگەزمە باغچىسىغا كەڭ كۆلەمدە تېرىلغانخوتەن قىزىلگۈلى بىلەن ئۈستىقۇددۇسئاساسىي رەڭ شەكىللەندۈرۈپ، «تىيانشاندىكى شەپەق نۇرى» ئەتىرگۈلى، شىنجاڭ قىزىل پۇرچاق ئوتى، سەبدەرگۈل، كۆكچېچەك قاتارلىق گۈل-گىياھ سورتلىرىپورەكلەپ ئېچىلىپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. بۇ يەردە، ساياھەتچىلەر گۈل دېڭىزىنى قانغۇچە سەيلە قىلالايدۇ، قىزىل، سېرىق ، سۆسۈن... رەڭگارەڭ گۈللەر، گۈزەل مەنزىرە، خۇش ھىد يول بويى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

  ئۈستىقۇددۇس، خوتەن قىزىلگۈلى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدە كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئۆستۈرۈلۈپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى جارى قىلدۇردى. «تىيانشاندىكى شەپەق نۇرى» ئەتىرگۈلىشىنجاڭ پەن تەتقىقات كوللىكتىپى يېتىشتۈرگەن سوغۇققا چىداملىق ئەتىرگۈلنىڭ يېڭى سورتى بولۇپ، گۈلى ئىنتايىن مول، يەككە تۈپتە 1000 تالدىن ئارتۇق گۈل ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زال سىرتى كۆرگەزمە باغچىسىدا يەنە خوتەن ئانىرى، ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى، تۇرپان ئۈزۈمى قاتارلىق گۈلى، يوپۇرمىقىنى تاماشا قىلىش ئاساس قىلىنغان غوللۇق دەرەخ تۈرلىرى گۇرۇپپىلاپ تىكىلىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە ـ چېۋە ماكانى دېگەن چىرايلىق نامى نامايان قىلىنىدۇ.

زال ئىچى كۆرگەزمە رايونىدا شىنجاڭ گۈل-گىياھلىرى لايىھەلەش ئامىلى قىلىنغان كۆرگەزمە سارىيى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈل-گىياھلىرى،تەشتەك مەنزىرىسى ۋە گۈل-گىياھلاردىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارمەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، مەسىلەن، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە تىيانشان يۇمىلاق ئارچا تەشتەك مەنزىرىسى ھەمدە ئۈستىقۇددۇس، خوتەن قىزىلگۈلى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلات قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىنجاڭدىكى ھېقىق، مارجانتاش قاتمىسى، سىلىتسىيلاشقان ياغاچ قاتارلىق غەلىتە تاشلارمۇ كۆرگەزمەقىلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتەشىنجاڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن، شىنجاڭدىكى 20 نەچچە كارخانا بۇ نۆۋەتلىك گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى سۇپىسى ئارقىلىق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ كۆچەت، گۈل-گىياھ كەسپىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىكەن.

جۇڭگو گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ كەڭ دۆلەت دەرىجىلىك گۈل كەسپىدىكى كاتتا مەرىكە بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك گۈل-گىياھ كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە شاڭخەي شەھىرىنىڭ چۇڭمىڭ رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، «جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان، كۆرگەزمە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 8840 مو بولۇپ، دۆلىتىمىزگۈل-گىياھ كەسپىنىڭ مول نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو-چەت ئەل گۈل-گىياھ كەسپىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.