يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات «سۈرئىتى تېزلىتىلدى»

日期:2021年04月19日
来源:天山网
【字体:

چەت، نامرات جايدىن ئادەملەر خۇشال سەپەرگە چىقىش، ئەشيا ئوبوروتى راۋانلىشىشقىچە

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات «سۈرئىتى تېزلىتىلدى»

تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى يەكەن بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى (4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، رايىدە

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە، گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى يۇڭئەن يېڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەخمۇتجان مەمتىمىن ناشتا قىلىپ بولۇپ، گۇما ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىغا ئىشقا كېلىپ، بىر كۈنلۈك ئالدىراش ئىشىنى باشلىدى.

مەخمۇتجان سوغۇق زەنجىرلىك تىرانسپورت ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، يىل بويى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)دا قاتناپ، شىركەت ئىشلەپچىقارغان كىچىك موگۇلارنى شىنجاڭ ئىچىدىكى بازارلارغا يەتكۈزىدۇ. ئۇ تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى زىچ تۇتاشتۇرغانلىقىنى بارغانسېرى كۈچلۈك ھېس قىلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچەيدى، ساياھەتچىلەر كۆپ كېلىدىغان بولدى؛ ئاممىنىڭ تۇرمۇش رىتىمى تېزلەشتى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، «ھەميان»ى تومپايدى...

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» بويىچە ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G3012)نىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىدە ئاپتوموبىللىق ماڭدى. ھەربىر جايغا بارغاندا، كۆز ئالدىدىكى ھەربىر ئۆزگىرىش ھامان كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

«ئىچكى جەھەتتە راۋان، تاشقى جەھەتتە بىرلەشكەن» قاتناش تورى سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ياشلىق باھار ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، پۇقرالارنىڭ «بەخت يولى» ماڭغانسېرى راۋانلاشتى.

كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىش ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى ئېچىش

ئەتىيازدا ئالدىراش قۇرۇلۇش قىلىنماقتا ئىدى. 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىرلار تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىدە لىم ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈك پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەكەن دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشتە يەنە 70 نەچچە كىلومېتىر يولنى كۆپ ئايلىنىپ مېڭىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ» دېدى تۈر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ قوماندانى جاڭ جىگو.

يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى تۈرى دەل جەنۇبىي شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بىپايان قۇملۇققا تۇتاشتۇرۇلۇپ، بوستانلىققا سوزۇلغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى.

تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى تۇرپاندا بولۇپ، كورلا، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلار ئارقىلىق ئاخىرقى نۇقتا خوتەنگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1900 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول.

2019 - يىلى 8 - ئايدا، تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، خوتەن ۋىلايىتى دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىغا رەسمىي قوشۇلدى. قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۆزئارا تۇتىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سەككىز سائەتلىك مۇساپە تۆت سائەتكە قىسقاردى، لىنىيە بويىدىكى پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىش بېجىرىشتە «شۇ كۈنى ئۆيىگە قايتىش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

چۆل - قۇملۇقتىن تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدىغان داغدام يولغىچە، ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ۋاقىتنى قىسقارتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، قارىشىنى يېڭىلىدى، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.

پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتىگە كەلگەندە، شىجياجۇاڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىگىسى پاشاگۈل سەمەت مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئەمدىلا پىشقان داپەنجىنى قويۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىشتىن كەنتكە قايتىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقىچە، پاشاگۈلدىكى ئۆزگىرىشلەر گىرەلىشىپ كەتكەن قاتناش تورى ۋە ئۇچقاندەك كېلىپ - كېتىپ تۇرۇۋاتقان ئاپتوموبىل ئېقىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل ئېقىمى پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىنى «ئاۋاتلاشتۇرۇپ»، ئۇنىڭغا ھەر يىلى 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تىجارەت كىرىمى ئېلىپ كېلىدىكەن.

جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ بولغانلىقىدىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئامما يەنە ناھايىتى كۆپ. قاتناشنىڭ تەرەققىياتى ئاپتوموبىل ئېقىمى، ئادەم ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمىنى جەلپ قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئوزۇقلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈش كەسىپلەر تەييار ئاپتوموبىلغا ئۇلىشىش

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، ئەمما چەت - ياقىغا جايلاشقان بولغاچقا، نامرات ۋە قالاقلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشى تەسكە توختىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، چارۋىچىلىق - باقمىچىلىق، توقۇمىچىلىق - كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكىسى... كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، چوڭلۇقتىن كۈچەيدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوقۇل ھالدىكى كەسىپ تەرەققىياتى ئەندىزىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يەكەن ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا كىرسەك، 309 ھەر خىل تونۇر رەتلىك تىزىلغان ئىكەن. «بىز ئىشلەپچىقارغان نانلارنىڭ ھەرقايسى جايلارغا توشۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.» خىزمەتچى سادىق ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەر ئايلىق كىرىمىم 2400 يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭغا باقمىچىلىقتىن كىرگەن كىرىمىم قوشۇلۇپ، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ».

جەنۇبىي شىنجاڭدا، خاسلىققا ئىگە نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىلىرى يەنە ناھايىتى كۆپ. قەشقەر ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، نانچىلىق، قاقلاپ پىشۇرۇش قاتارلىق پىششىقلاش كارخانىسى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلاردىن 227سى (بۇنىڭ ئىچىدە پىششىقلاش كارخانىسىدىن 44ى) بار، كۈنىگە 4 مىليون 250 مىڭدىن ئارتۇق نان ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

يوللار راۋان بولسا ھەممە كەسىپ گۈللىنىدۇ.

«بىز قوي قىغىدىن ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىپ، يوپۇرماقلىق زىرائەت ۋە ئالاھىدە مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىمىز.» «يەرلىكتە 1500دىن ئارتۇق قوي گۆشىنى كاپالەتلىك باھادا بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، 1200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىۋاسىتە ھەل قىلدۇق.»... 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ ۋەنفېڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان نەتىجىلىرى مۇخبىرلارنى قايىل قىلدى.

بۇ شىركەتنىڭ مەمۇرى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خۇ مۇنداق دېدى: بىز يېتىشتۈرۈش، بېقىش، سويۇش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، بىز تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولىمىز.

كونا كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلدى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى تېزلىتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارغا تايىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەدەم ئېلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

سۈرئەتنى تېزلىتىش بەختلىك تۇرمۇشقا يۈزلىنىش

قاتتىقلاشتۇرۇلغان تۈپتۈز يوللار دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىۋاسىتە تۇتاشقان، تۇتاش كەتكەن ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك سېلىنغان، قاتار - قاتار ئۆزگىچە كۆكتات پارنىكلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتقانىدى، ئاددىي - ساددا چىرايلاردىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى. تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقاندا، كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولغىنى، بىردەك سۈرەتتەك گۈزەل بەخت مەنزىرىلىرى بولدى.

4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، مۇخبىرلار قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كىرىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا سەنجياۋمېي، چاڭچۈن گۈلى، بەيخې گۈلىنىڭ بەس - بەستە ئېچىلغانلىقىنى كۆردى. «ھازىر بىر كۈندە 3000 يۈەن ئەتراپىدا گۈل ساتالايمەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر قېتىمدا 7000 يۈەنلىك ساتتىم» دېدى ئايتۇرسۇن ئابدۇرېشىت پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئايتۇرسۇننىڭ قارىشىچە، ئايدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش قاتناش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن ئايرىلالمايدىكەن. «مېنىڭ ئۆيۈم ئىلگىرى كۆكيار يېزىسىدا بولۇپ، ئۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، قاتناش قولايسىز ئىدى. بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن بولغان ئارىلىق ئاران 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. مال كىرگۈزۈشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەن شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەردىم، ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالساملا ئاپتوموبىل سېتىۋالىمەن» دېدى ئايتۇرسۇن.

ئىلگىرىكى «رەخت سېتىۋېلىپ كىيىم تىكىش، تىكىش - ياماش»تىن بۈگۈنكى كۈندىكى «پاسونى كۆپ خىل، يېڭى كىيىملەر ئۈزۈلمەيدىغان» بولۇشقىچە؛ ئىلگىرىكى «قاتتىق - قۇرۇق تاماق، تويغۇچە يېيىش بەخت» بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندىكى «ئوزۇقلۇق تەكشى، قارا ئاشلىق - ئاق ئاشلىق ماس» بولۇشقىچە؛ ئىلگىرىكى «ئاددىي، سىدام، كىچىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش»تىن بۈگۈنكى كۈندىكى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە بۇيۇملىرى بار ئۆي، بەخت قولتۇقى»غىچە؛ ئىلگىرىكى «سەپەر قىلىش تەس، مال توشۇش تەس» بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندىكى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، قولايلىق - تېز» بولۇشقىچە... بەختكە تۇتىشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بەخت خۇددى گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلماقتا.