ئالتۇنتاغ باھار تۈسىگە كىردى   ياۋايى ھايۋانلار «شادلىق» ئەندىزىسىگە كىردى

日期:2021年04月07日
来源:天山网
【字体:

ئاپتور:ۋاڭ يۇڭچياڭ، جاۋ شۆلۇڭ

3-ئاينىڭ ئاخىرى ئالتۇنتاغداتېمپېراتۇراتەدرىجىي ئۆرلەپ، سوغۇق قاپلىغان بۇ ئېگىزلىك قايتا ھاياتىي كۈچكە تولدى. يېقىندا، توپ-توپ تىبەت قۇلىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت بۆكىنى قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا پەيدا بولدى ھەم ھەرىكەت قىلىش دائىرىسىئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭ، چىڭخەي، شىزاڭ ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ چېگراسىغا جايلاشقان، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى بۇ يەردىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى بەلگىلىگەن.

تىبەت بۆكىنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

تىبەت قۇلىنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئېشەكپاتتى كۆلى بويىدا چاپماقتا.

توپ-توپ تىبەت قۇلىنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

توپ-توپ تىبەت قۇلىنى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

ياۋا قوتازلار ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇمكۆل قۇملۇقىدىن ئۆتمەكتە.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى تىبەت بۆكىنى ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئېشەكپاتتى كۆلى بويىداياۋا قوتازلار ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شازىچۈەن.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى