شىنجاڭ پاختىسىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى

日期:2021年04月06日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 2-كۈنى، سودىگەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو رەڭلىك پاختا (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رەڭلىك پاختا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە زالىدا رەڭلىك پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تونۇشتى. بۇ شىركەتنىڭ تەبىئىي رەڭلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ %95ىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەت ئىشلەپچىقارغان رەڭلىك پاختا، پاختا يىپ، پاختا رەخت ۋە رەڭلىك پاختا بۇيۇملىرىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بازىرى ئىتتىك بولدى.

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، قورغاس ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە پاختا ساتماقتا.

(لۈ خۇي فوتوسى)

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار لوپنۇر ناھىيەلىك جۇڭۋاڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا يوتقان ۋاكالىتەن سېتىش دۇكىنىدا ئىچكىرى رايونلارغا ئەۋەتىلىدىغان پاختا يوتقانلارنى رەتلىمەكتە. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ شىركەت توردا 21 مىڭدىن ئارتۇق پاختا يوتقان ساتتى.

(ئاۋ چيۇڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى