4-ئاينىڭ 6-كۈنى، قۇياش كۆتۈرۈلدى، ئۈرۈمچىشەھەر ئاھالىسى يامالىق تېغى باغچىسىدا بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى
تىيانشان تورى خەۋىرى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىريۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن (4-ئاينىڭ 6-كۈنى) قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃4، شامال كۈچى ئۈچ بال بولىدۇ.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارھۆل-يېغىن مەزگىلىگە كىرىدىغان بولۇپ، كېۋەز تېرىقچىلىقى، باغ-ئورمانچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىقلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن.