جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا نەزەر

日期:2021年03月31日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

دۇنيا پاختىچىلىقىدا جۇڭگوغا نەزەر سېلىش، جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا نەزەر سېلىش كېرەك.

دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى قۇرغاق رايونغا جايلاشقان شىنجاڭ كېۋەزنىڭ ئۆسۈشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتىغا ئىگە، قاردەك ئاپئاق كېۋەزلىكلەر بۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى جانلىق نام كارتىسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە %87.3 ھوسۇلنى ئىگىلەيدۇ، بۇ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇشتەك كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچنى تېخىمۇ ئىسپاتلايدۇ.

جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا نەزەر سالساق، كۆرىدىغىنىمىز پەقەت ھوسۇللا ئەمەس. كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى، تۈركۈملەپ مەشغۇلات قىلىدىغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ كىشىلەردە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىراتى. ئادەتتىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەل رايونىدىن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغىچە، خاس كەسىپتىن رايون تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكىچە، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دەل پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھوسۇلى مول، ئۈنۈمى ياخشى، كۈچ - قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپى يەر شارىۋى پاختىچىلىق كەسىپ زەنجىرىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرماقتا، جۇڭگودىكى ئەلا سۈپەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان شىنجاڭ پاختىسى تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ھوسۇلى زور بولدى سۈپىتى ئۆسۈپ، ئۈنۈمى ئېشىپ، سۈپەت ئەلالاشتى

2020 - يىلى، شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 161 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %87.3ىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭنىڭ كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇلى، ئومۇمىي ھوسۇلى، تاۋار مىقدارى، يۆتكەپ چىقىرىش مىقدارى ئۇدا 27 يىل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكى ئېنىقلا شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ مۇھىم ئورنىغا ئاساس سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسەتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشكە پائال يېتەكلىدى، كېۋەز تېرىشقا قىسمەن باب كېلىدىغان رايون ۋە خەۋپ - خەتىرى بار كېۋەز رايونلىرىنى كېۋەز تېرىشتىن تەدرىجىي چېكىندۈردى، پاختا بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشتا «مىقدار»نى قوغلىشىشتىن «سۈپەت»نى قوغلىشىشقا ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى. 2020 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىليون موغا تەڭشەپ ئازايتىلغان ئەھۋالدا يەنىلا ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سۈپەت ۋە ئۈنۈم شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى رىقابەت كۈچىگە ئايلاندى.

«تالانىڭ بىردەكلىك پەرقى ئىزچىل ئاپتونوم رايونىمىز پاختىچىلىق كەسپىدىكى كەمتۈكلۈك بولۇپ كەلدى، مۇشۇ يىللاردا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كەمتۈكلۈك تېز تولۇقلانماقتا». شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تەتقىقات ئورنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، تەتقىقاتچى غالىب ئەرشى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ماشىنىدا پاختا يىغىش تەرەققىياتىدىكى «كېۋەز سورتى»نىڭ چەكلىمىسى مەسىلىسىگە قارىتا، كېۋەز بايلىقىنى تەتقىق قىلىشتىن ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز سورتى يېتىشتۈرۈشكىچە پەن - تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كېۋەز سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ پەن تەتقىقات مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، سورت يېتىشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ «كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، ئۆلچەملىشىش، ماشىنىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، ئۇچۇرلىشىش» يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

2020 - يىلى، شىنجاڭ ئۆزى تاللاپ يېتىشتۈرگەن ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز يېڭى سورتىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 690 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، سۈپىتى قوش 31 ئۆلچەمگە يەتتى، چىگىت ئايرىش ئارقىلىق يەنىلا پاختا تىۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئېلاستىكىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىغا بولغان تەلىپى تولۇق قاندۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېۋەز سورتى قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مىڭ مودىن ئارتۇق ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %75كە يېتىپ، پاختا سۈپىتىنىڭ بىردەكلىكى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ پاختىسى دۆلەت ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ساغلام تەرەققىياتىدىكى مۇھىم خام ئەشيا كاپالىتىگە ئايلاندى، شىنجاڭ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە ئاپتوماتىك قۇرۇلمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلەتتى، قۇرۇپ چىقىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى دۆلەت ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

ئۈنۈمى ياخشى بولدى زامانىۋى تىجارەت ئاساسى مۇستەھكەملەندى

شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت سىستېمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا تايانغان بولۇپ، بۇ نۇقتىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختىچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مۇساپىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىليون مودىن ئارتۇق ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تېز ئاشتى. 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ماشىنىدا كېۋەز تېرىش، ماشىنىدا ئۇرۇق سېلىش ھالقىلىرىدا پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پاختىنى ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %75.5كە يەتكۈزۈلۈپ، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 5800 دىن ئېشىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق نىسبىتى ئېشىش، تېرىقچىلىق تەننەرخى تۆۋەنلەش، تۈجۈپىلىشىش سەۋىيەسى ئۆسۈشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

«بىزنىڭ ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىمىزدا پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئاۋات ناھىيەسى شىنخۇيچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لېي يەنگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پاختىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، مو بېشى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى 380 يۈەن تۆۋەنلەتكىلى، ھوسۇلنى 120 كىلوگىرام ئاشۇرغىلى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى مو بېشى پايدىسىنى 1100 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرغىلى، ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ كېڭەيتىلىشى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، ماشىنىلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغىنى يەر ئوبوروتى ۋە بىرىكتۈرۈش بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى يەر تۈزلەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قاتارلىق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەر تۈزلەش كۆلىمىنى 1 مىليون مودىن ئاشۇرۇشنى تاماملاپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدىكى يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

«مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، ئايلىق كىرىمىم 5000 يۈەن ئەتراپىدا.» ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسى تامتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەنجان ئوسمان خۇشال ھالدا: ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى خادىملىرىنىڭ خىزمىتىمۇ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، دېدى. بۈگۈنكى كۈندە، تىراكتور ھەيدەشنىمۇ، پاختا يىغىش ماشىنىسى ھەيدەشنىمۇ بىلىدىغان ئۇ ھەر يىلى 3 - ئايدىن 12 - ئايغىچە ئىزچىل ئالدىراش ئىشلەپ، كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا قاتنىشىدۇ.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشى (يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆلىمى 6 مىليون مودىن ئاشتى، بېيدوۋ يول باشلاپ تۈجۈپىلەپ تېرىش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرى يەرنى تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋەبىدىن كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. تەكشى، كەڭ كەتكەن زامانىۋىلاشتۇرۇلغان كېۋەزلىكلەردە، ئېڭىشىپ مەشغۇلات قىلىدىغان پاختا تەرگۈچىلەر ئازىيىپ، زامانىۋى يىغىش ماشىنىلىرى «باش رولچى»غا ئايلاندى. شۇنداقلا دەل يەرنى مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدا، ھەسەنجانغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىلىرى پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

غەيرىتى تولۇپ تاشتى كەسىپلەرنىڭ تاكامۇللىشىش يوشۇرۇن كۈچى زور بولدى

شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدىغان تەبىئىي بايلىق شارائىتىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنىڭ كەسىپ ئاساسىنى تېخىمۇ ھازىرلىغان.

«ئۇرۇقچىلىق كەسپىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئاپتونوم رايونىمىز پاختىچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى.» غالىب مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا سورتىنى يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، بىر تۈركۈم ئۆزى يېتىشتۈرگەن ئەلا سورتلار ئارقا - ئارقىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى ھەم كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلدى. نۆۋەتتە، ئۆزى يېتىشتۈرگەن كېۋەز سورتى بازاردا يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

«ئۆزى يېتىشتۈرىدىغان سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش ئېنىقكى پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.» غالىب مۇنداق تونۇشتۇردى: مولېكۇلالىق بەلگىنى قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈشتە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، كېۋەز سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ۋە تاللاپ يېتىشتۈرۈش دەۋرىنى قىسقارتىپ، كەسىپكە ئېھتىياجلىق ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، كەسىپ زەنجىرى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ پاختا سۈپىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىمىز.

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قىزغىن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ئىشچىلار ھازىر ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ئاچقان 4MZD − 6A تىپلىق ئاپتوماتىك تايلاش، پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، «شىنجاڭدا ئىشلەنگەن» بۇ تايلاش، پاختا يىغىش ماشىنىسى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى پاختىنى بىۋاسىتە تايلاپ، ھالقىلارنى ئازايتىپ، پاختا يىغىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پاختىكارلارنىڭ توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.

«چەت ئەلنىڭ تايلاش، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، سېتىلغاندىن كېيىنمۇ بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى ناھايىتى تەس، بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.» بۇ شىركەتنىڭ ئىنژېنېرى ليۇ جۈنتيەن مۇنداق دېدى: بۇ شىركەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى ئەسلىدىكى ۋاگونسىمان پاختا يىغىش ماشىنىسىنى ئېچىش تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، 4MZD − 6A تىپلىق ئاپتوماتىك تايلاش، پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچلىرىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، رەسمىي بازارغا يۈزلەندۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى.

«شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ھوسۇلىنىڭ زور، تۈرىنىڭ مول ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىپلا قالماي، تاكامۇللاشقان كەسىپ ئاساسى يەنە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدۇر.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادى ۋە پەن - تېخنىكا ئۇچۇرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى دەي جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇھىم، ھەتتا دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پاختا بازىسىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە بىر قەدەر مۇستەھكەم بولغان كەسىپ تەرەققىيات ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پاختىچىلىق كەسپى تېخنىكىسى، جابدۇقلىرى، ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئېگىزلىكىگە ئايلاندى.

«جۇڭگو شىنجاڭ ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ پاختا ھوسۇلى دۇنيا پاختا ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدۇ، ھەمكارلىق ۋە بازار ئىستىقبالى كەڭ.» دەي جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئاماللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپى جەھەتتە توپلىغان تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭ بازاردا ئومۇملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىغىلى بولىدۇ.