يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، تەمىنات زەنجىرىدە شىنجاڭ پاختىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چىقىرىۋېتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز

日期:2021年03月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كىيىم - كېچەك (كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى)ساھەسى جەمئىيىتى:

يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، تەمىنات زەنجىرىدە شىنجاڭ پاختىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چىقىرىۋېتىشكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم خەلقئارا ماركا ۋە خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ سودا پائالىيىتىدە شىنجاڭ پاختىسىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى چىقىرىۋېتىش قىلمىشى جۇڭگو جەمئىيىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ساھەسى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. شۇ تاپتا، بىز شىنجاڭدىكى كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى ھەم بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كىيىم - كېچەك (كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى) ساھەسى جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ كەلدى. بىز ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كارخانىلاردىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇۋاپىق ياشتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلدۇق. ئىشچى - خىزمەتچىلەر كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىشتىكى ئىش ئورنى ئۇچۇرى، خىزمەت مۇھىتى، ئىش ھەققى، پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ئۆز ئالدىغا تاللاپ، پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا «قوش يۆنىلىشلىك تاللاش»نى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ.

شىنجاڭدىكى كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن باراۋەر، ئىختىيارىي بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى؛ «گوۋۇيۈەننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردە بېكىتىلگەن ئىش ۋاقتى تۈزۈمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنى قانات يايدۇردى. مائاش تەقسىماتىدا بىردەك «كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق ئېلىش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش»تىن ئىبارەت ئادىل تەقسىمات پىرىنسىپى يولغا قويۇلدى، كارخانىلار ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئىش ھەققى تەمىناتى بەردى ھەم «بەش خىل سۇغۇرتا»نى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى كېڭەيتىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، «بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەسىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىدە مۇۋاپىق ياشتىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئائىلىسىدە تۇرۇپ دېھقانچىلىق قىلسا، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، يىللىق كىشى بېشى كىرىمى ئوتتۇرىچە 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، تۆت ھەسسە كۆپەيدى؛ ئەر - خوتۇن بىللە كارخانىدا ئىشلىگەنلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 60 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئىشچى - خىزمەتچىلەر جاپالىق خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

شىنجاڭدىكى كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمىدى. كارخانىلار ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈردى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قايسى خىل تىل - يېزىقنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ. كارخانىلار ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلىدى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، ۋاسكېتبول، تىكتاك توپ، پۇتبول قاتارلىق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ سەپلىدى؛ ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ۋە بايراملىق زىياپەت، سۆھبەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىلاردىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، كارخانىلار زور مىقداردىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى، كارخانىلاردىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، بۇ، ھەممىگە ئايان پاكىت. شىنجاڭدىكى كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس، ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا ۋە تۆھمەت شىنجاڭدىكى كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولى ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق پاكىت ئەيىبلەنسە ۋە ئەيىبلەشكە ئۇچرىسا، ئۇنداقتا بۇ تارىخ چاقىنى كەينىگە ياندۇرغانلىق، جەمئىيەتنى ئارقىغا چېكىندۈرگەنلىك بولىدۇ. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆز مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ پاكىتقا ئايلىنالمايدۇ. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ مەيلى قانداقلا قارا چاپلىشى ۋە بوھتان چاپلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈۋاتقان، ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتقان، ئورتاق ئىلگىرىلەۋاتقان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتنىمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ئاخىرىدا، بىز ھەر ساھەدىكى بىلىملىك زاتلار ۋە دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، كۆزۈڭلارنى يوغان ئېچىڭلار، ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ تۆھمەت قىلىنغان «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»تىن قايمۇقۇپ قالماڭلار، بىز بىرلىكتە ئامېرىكا ۋە غەربتىكى ئاز ساندىكى سىياسەتۋازلار ۋە تەشكىلاتلارنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، بىر تەرەپلىمە قاراشنى تاشلاپ، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا كاشىلا قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا دەۋەت قىلايلى.