توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى 300 نەچچە كەنت ئاھالىسى پايدا تەقسىماتىنى خۇشاللىق بىلەن ئالدى

日期:2021年02月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يەن لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو چىڭ، جاڭ شوۋفاڭ): چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ كۆلدەنەڭ بازىرى تاقتۆبەك كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، ھەممە ئادەمنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئەسلىدە، كۆپچىلىك كەنت تارقاتقان يەرنى ئوبوروت قىلىشنىڭ تۇنجى پايدىسىنى ئالغانىدى. كەنت ئاھالىسى ئابدۇرۇسۇل ساۋۇت مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ سەككىز مو يېرى بار، بۇلتۇر ئوبوروت قىلغانىدۇق، ھازىر تۇنجى پايدىنى قولۇمغا ئېلىپ بەك خۇش بولدۇم».

شۇ كۈنى، بۇ كەنت جەمئىي 51000 يۈەن يەر ئوبوروت پۇلى تارقاتتى، جەمئىي 17 ئائىلىلىك دېھقان «يىللىق مۇكاپات»قا ئېرىشتى. يېقىندا، بۇ كەنتتىكى يەر ئوبوروتىغا قاتناشقان 300 نەچچە كەنت ئاھالىسى ئارقا-ئارقىدىن پايدىغا ئېرىشتى.

توققۇزتارا ناھىيەسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، يەرنى ئوبوروت قىلىشخىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇلتۇر، تاقتۆبەك كەنتى مەبلەغنى پائال ئىلتىماس قىلىپ، پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، «يەرنى ئوبوروت قىلىپ، كەسپلەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تەرەققىيات ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پاي ھەمكارلىقى شەكلىدە يەرنى باشلامچى كارخانىلارغا ئوبوروت قىلىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى پاي قىلىپ قوشقان يەر پاي ھەمكارلىق تىجارەت ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى قۇردى. يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش، مۈلۈكنى ئېنىقلاش، پاي ھوقۇقىنى مىقدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بايلىقنى مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مەبلەغنى پاي سوممىسىغا ئۆزگەرتىپ، 300 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى «پايچىك»قا ئايلاندۇردى.

يەر ئوبوروتىغا قاتناشقان تاقتۆبەك كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى پايدا ئېلىپلا قالماي، يەنە بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلەيدۇ. ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۆزۈم تېرىقچىلىق قىلاتتىم، كىرىمىم بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. يەرنىئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، مەن سىرتقا چىقىپ كومبايىن ھەيدەپ بىر يىلدا ئاز دېگەندە 30 مىڭ يۈەن تاپالايمەن، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ پار قازانغا ئوت قالاپ، بىر يىلدا ئاز دېگەندە 6000 يۈەن تاپالايمەن. يەرنى ئوبوروت قىلىشقا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قوشۇلۇپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى».

توققۇزتارا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يەن فۇخۇا مۇنداق دېدى: «دېھقانلار يەرنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقى قوزغالدى، بۇ يەرنى كۆلەملىك ئوبوروت قىلىش، كۆلەملىك باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ياخشى ئىزدىنىش بولدى».

2020-يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭىدىن قۇرۇلغان قۇرۇتۇش زاۋۇتىنى تەجرىبىلىك كەنت ئاھالىلىرىگە ھۆددىگە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوبوروت قىلىنغان يەرگە سوغىگۈل، كەتىرا قاتارلىق جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىپ، تېرىش، قۇرۇتۇش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى.

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭىچە پەن-تېخنىكىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2019-يىلى كەنت تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىرگۈزگەن ۋېيلەنپەن-تېخنىكا شىركىتى توردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى. تاقتۈبەك كەنتىدە ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان ئائىلىدىن 20 نەچچىسى بار بولۇپ، توردا سېتىش يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى ھەسەل سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. بۇ يىل ۋېيلەن پەن-تېخنىكا شىركىتى يەنە كەنتتە ئائىلە مۇلازىمىتى شىركىتى قۇرۇپ، تازىلىق، ھويلا-ئارانلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بىرەر ماھارەتكە ئىگە قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

بۇ يىل توققۇزتارا ناھىيەسى دېھقانلارنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك، مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك، يۆتكىلىش خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى چۆرىدەپ، يەر ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى ھەمكارلىقى، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش قەرز پۇل خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.