ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى ھەر ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ

日期:2021年02月25日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي):يېقىندا، 2021-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پۈتۈن يىللىق ئاممىۋىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئېلان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىزدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىشىدائادەم كۈچى بايلىقى تەمىنلەش-ئېھتىياج سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

2-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس پائالىيىتى پۈتۈن يىلدىكى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە چېتىلىدىكەن، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى مەخسۇس پائالىيەتنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى يېزا ئىگىلىكى-يېزا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىشىپقانات يايدۇرغان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە 17 تۈرلۈك مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، كارخانا، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە قاراتمىلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

مەسىلەن، بۇ يىل 1-ئايدىن 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى» پائالىيىتىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ئەزالىرى، ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان مېيىپلەر قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىنغان؛ 3-ئايدا ئاياللارمەخسۇس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەمگەكچى ئاياللارغا نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىنىدىكەن؛ 4-ئايدا قانات يايدۇرۇلىدىغان «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەكلىپقىلىش ئېيى» پائالىيىتىدە پۇقراۋى كارخانىلار ۋە تۈرلۈك خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىنىدىكەن.

كونكرېت پائالىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچى تور بېكىتى بولغان جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (www.xjrc365.com)، «شىنجاڭ 365 ئىختىساسلىقلار تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ ئىگىلىسە بولىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتى