كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىردى شىمالىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ℃10 جىددىي تۆۋەنلەيدۇ

日期:2021年02月24日
来源:天山网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ): نەچچە كۈن ئىلگىرى تېمپېراتۇرا يۇقىرىلاپ ۋە داۋاملىق ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، شىنجاڭلىقلاردا باش ئەتىياز ھېسسىياتىنى پەيدا قىلغانىدى، ئەمدى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، بوران چىقىدۇ ۋە قار ياغىدۇ.

  2-ئاينىڭ 23-كۈنى،شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى جاڭ جۈنلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: غەربتىن كەلگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يېرىم كېچىدىن 26-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئۇششاق قار ياغىدۇ.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا شىۋىرغانلىق قار ياغىدۇ.

  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم رايونلاردا بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال بورىنى چىقىدۇ، بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ ئېغىزى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مايتاس شامال رايونى، قاراماي شەھىرى شۇنداقلا شەرقىي شىنجاڭنىڭ بوران ئېغىزىدا بوران كۈچى 10-11 بالغا يېتىدۇ، سەنشىلى، بەيلى بوران رايونىدا ئۆتكۈنچى بوران كۈچى 12 بالدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا ℃8 ~ ℃10 تۆۋەنلەيدۇ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم رايونىدا تېمپېراتۇرا ℃10-℃15 تۆۋەنلەيدۇ.

  2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20-~30-قا چۈشىدۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا ℃15-~20-قا چۈشىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10-~15-قا چۈشىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى:«مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 26-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ،ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا ℃8~10 ئەتراپىدا چۈشىدۇ».

  مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونى ۋە مىدۇڭ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃15-~12-قا چۈشىدىكەن، نەنسەننىڭ تاغلىق رايونى ۋە داۋانچىڭ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃18-~15-قا چۈشىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇندىن يېرىم كېچىگىچە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي شەھەر رايونى ئەتراپىدىن داۋانچىڭرايونىغىچە ۋە داۋانچىڭرايونى بەلبىغىدا بەشتىن ئالتە بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال كۈچى سەككىز بال بولىدىكەن، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىغىچە، شىسەندىن باگاڭغىچە ئۆتكۈنچى شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئون بالغىچە بولىدۇ.

  مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى:شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرابىر قەدەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىكبولىدۇ، ئاممىنىڭ قېلىن كىيىنىپ، زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنىئەسكەرتىمىز.