ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇھىم ھاۋا رايىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا ℃10~8قىچە تۆۋەنلەپ، سوغۇق ئېقىم كۆرۈلىدىكەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃15~10قىچە تۆۋەنلەپ، كۈچلۈك سوغۇق ئېقىم كۆرۈلىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 26-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەش بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىپ، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردە تېمپېراتۇرا ℃10~8قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
مۇخبىر يۈ مېڭفەن