شىنجاڭدىكى يەتتە جاي مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەندى

日期:2021年02月24日
来源:天山网
【字体:

كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى خەۋىرى: ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە 106 تەدبىرى كۈچلۈك، نەتىجە-ئۈنۈمى گەۋدىلىك، ئامما رازى بولغان كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىدىكى ئىلغار ناھىيەنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىدى، شىنجاڭدىكى يەتتە جاي بۇ تىزىملىككە كىرگەن، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم قابا ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، خوتەن شەھىرى، بىڭتۇەن 1-شىسىئارال شەھىرى 10-تۇەنى، 4-شىسىكۆكدالا شەھىرى 67-تۇەنى، 5-شىسىقوشئۆگۈز شەھىرى 81-تۇەنى، 13-شىنوم دېھقانچىلىق مەيدانى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭئىشنى دېھقانلار ئۆزلىرى قول سېلىپ قىلالايدىغان، ئاسان يولغا قويغىلى بولىدىغان، ئاسان ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغان كەنتلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشتىن باشلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈپ، كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتتى، يېزىلاردىكى كونا ئەخلەتلەرئۈزۈل-كېسىل تازىلىنىپ، پاكىز، رەتلىك بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن يەتتە جاي كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى بىلەن كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، ھويلا-ئاران مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، كەنتلەرنىڭ تازىلىق ھەرىكىتىنى دائىملىق، تۈزۈملەشكەن، سىجىلقانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپ يېزا مۇھىتىنى تۈزەشكە قاتنىشىدىغان ياخشى جەمئىيەتكەيپىياتى ياراتتى، كەنتنى تازىلاش ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىكىئالاقىدار مەسئۇلنىڭبىلدۈرۈشىچە،كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەش، ساغلاملىق، سەھىيە بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پاكىزلىقنى سۆيۈشنى كەنتنىڭ يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندۇرۇپ، يېشىل ساغلاملىق ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «مىڭ، ئون مىڭ قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ، گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى باھالاپ بېكىتىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، 1000 ئۈلگىلىك كەنت ئىچىدىن 100 گۈزەل يېزا-كەنتنى باھالاپ چىقىپ، كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپەيتكىلى ۋە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم تىپىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرىدىكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.