قويۇق تۇمان بېسىپ مۇز تۇتتى، بۇ ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بىر قىسىم يول بۆلەكلىرىدە قاتناشقا چەك قويۇلدى

日期:2021年02月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت تېز خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قويۇق تۇمان سەۋەبىدىن مۇز تۇتۇپ، سانجى شەرقىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن كۈيتۈن غەربىي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلدى.

شەھەرنىڭ شەرقىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كۆرۈلگەن قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى سەۋەبىدىن، گەنچۈەنباۋ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئۇلانباي ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگىچە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلۇپ، قاتناش تارقاقلاشتۇرۇلدى.

بېيجىڭ-شىنجاڭ G7 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قويۇق تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ يول يۈزىنى مۇز تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن، يول يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىغان، نۆۋەتتە مىدۇڭ شىمالىھەق ئېلىش پونكىتىدىن داخۇاڭشەن بەخت يولى ئېغىزىغىچە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلۇپ، قاتناشتارقاقلاشتۇرۇلدى.

(مۇخبىر سۇ رۇڭجى)