بۇ يىل شىنجاڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ

日期:2021年02月23日
来源:天山网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ): 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2021-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىلدى، مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، جايلار ئاشلىق بىخەتەرلىكى بويىچە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش ۋە كۆك-تاققا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون چۈشۈرگەن 2021-يىللىق ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ناھىيە-يېزىلارغا، دېھقان ئائىلىسىگە، يەرلەرگە قاتلاممۇقاتلام پارچىلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.