دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى تەدرىجىي ئۆزگىرىش

日期:2021年02月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىڭ بو

تەھرىر ئىزاھاتى:

ئىلگىرىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىغا نەزەر سالساق، خۇشاللىق ئىچىدە كونا قىياپەتنىڭ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شىنجاڭ گېزىتىبۈگۈندىن باشلاپ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قايتا زىيارەت قىلىش» ئىستونىنى ئېچىپ، مۇخبىرلارنىڭ كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ يازغان خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى قىياپىتىنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى ئەمەلىيىتىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مول نەتىجىلىرىگە ئورتاق گۇۋاھ بولىدۇ.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى» دېدى بېيىش باشلامچىسى سەمەت تۇرسۇن.

«مەن بىر كەنت ئاھالىسىدىن كەنت كادىرىغا ئايلاندىم» دېدى كەنت ئاياللار مۇدىرى رەيھانگۈل مامۇت.

«پۈتۈن كەنت بويىچە 756 كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋەن سۇلېي.

«كەنتنىڭ ماڭا ئىشىنىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇنچىسىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان مېيىپ ئاھالە ئوسمان قادىر ھاياجانلانغان ھالدا.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كونا - يېڭى ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، ياردەم بېرىۋاتقان - يۆلەۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، يېڭى پەللىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە نەزەر سېلىش» باش تېما پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. كۆپچىلىكنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆزلىرى دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، دۆڭمەھەللە كەنتىدە يىلدا بىر ئۆزگىرىش، ئۈچ يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، كۆپچىلىكنىڭ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشقىچە

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىلا، ئاندىن ھەرىكەت جەھەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنى ئاۋۋال ئىدىيە جەھەتتىن بېيىتقىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە 1 - شۇجى دىڭ لېي كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ ئويلايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 423 ئائىلە، 1603 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 191 ئائىلىدىكى 796 كىشى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. كەنت مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي كەنت ئاھالىسى، مەدەنىي ھەرىكەت ئادىتىنى باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «يوتقان يىغىش»، «چاچ تاراش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن قوش يۆلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ئايگۈل ھەسەننىڭ روھىي قىياپىتى ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئايگۈلگە ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك تۇيۇلۇپ، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلەلمەي قالدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردىمىدە، ئايگۈل تۇرمۇش يۆنىلىشىنى قايتىدىن تېپىۋالدى.

«مەن 25 مو يەرگە كېۋەز تېرىدىم، 15 قوي ۋە ئىككى كالا باقتىم، يەنە كەنتتە تازىلىق ئىشچىسى بولدۇم، ھەر ئايدا مۇقىم مائاش ئالىمەن. ھازىر يىللىق كىرىمىم 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» ئايگۈلنىڭ كۈلكىسىنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى بار.

«مەن ئەتىگەندە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلىپ تازىلىق قىلىمەن، ئاندىن ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەيمەن، قوي، كالا باقىمەن، گەرچە جاپا تارتىۋاتقان بولساممۇ، تىرىشىش ئارقىلىق ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى ياخشىلىدىم، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى ئايگۈل.

مەدەنىي يېڭى ئىستىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 86 ياشلىق ئىگە - چاقىسىز پاتەمخان قۇربان ئانىنىڭ «ئوغلى ۋە كېلىنى» بار بولدى، كونىراپ كەتكەن كېسەك ئۆيدىن ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ماددىي تۇرمۇشى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، پاتەمخان ئانا كۈنبويى خۇشال يۈرىدىغان، كۆرگەنلا ئادەمگە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ماختايدىغان بولدى.

پۇقرالىقتىن كەنت كادىرىلىققىچە

پويىز پاراۋۇزدىن ئايرىلالمايدۇ، يەلكەنلىك كېمە رولچىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

رەيھانگۈل مامۇت كەنت ئاھالىسىدىن كەنت كادىرىغا ئايلىنىپ، كەنتنىڭ ئاياللار مۇدىرى بولدى.

«خىزمەت ئەترىتى كەنتىمىزگە كەلگەندىن كېيىن، ھەربىر نامرات ئائىلىگە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇش تەدبىرى تۈزۈپ بەردى.» 2018 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رەيھانگۈل كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئىدىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى.

كەنتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈلدى، يېڭى تۇرمۇش ئىدىيەسى ئومۇملاشتۇرۇلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كارخانىلار كىرگۈزۈلۈپ، يەرلەر ئوبوروت قىلىندى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى. رەيھانگۈل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قاتنىشىپ، بارغانسېرى ئىشەنچكە تولدى.

كەنتتىكى ئاياللار دەسلەپتىكى تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن ھازىرقى پاكىز، چىرايلىق كىيىنىشكىچە، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىماسلىقتىن ھازىرقى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقىچە، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتىپ، «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى ئوينىدى. بۇنىڭدا ئاياللار مۇدىرى رەيھانگۈلنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

ئامىنىگۈل مەمەت ئەسلىدە ئائىلە ئايالى ئىدى، ئېرىنىڭ ئىشلەپ تاپقان مائاشىغا تايىنىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. كەنتتە زاۋۇت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامىنىگۈل زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى، ھازىر ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىدۇ. «مەن تىرىشىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ئۈلگىسىگە ئايلىنىمەن» دېدى ئامىنىگۈل تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈشتىن ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقىچە

«كەنت گۈزەللەشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇلى بار بولدى، بىزنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى.» بۇ كۆپچىلىك ئەڭ كۆپ دەيدىغان سۆز.

2018 - يىلى 1 - ئايدا، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى. ئۈچ يىلدا ئۈچ ئىشنى ياخشى ئىشلىدى: بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؛ ئىككىنچى، كەنتنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ پىلانلىدى ۋە يولغا قويدى؛ ئۈچىنچى، نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئاۋۋال ئىدىيە جەھەتتىن بېيىتتى، روھىي قىياپىتىنى ئۆستۈردى.

ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلدى. كەنت ئاھالىسى مامۇت ئىسمايىل كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختايدۇ.

− كەنت يورىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىمۇ يورىدى. ئىلگىرى كەنت يوللىرىدا چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈپ، يول يۈرۈش قىيىن ئىدى، كەچ كىرىشى بىلەنلا پۈتۈن كەنت قاراڭغۇلۇققا چۆمەتتى. ھازىر قاتار - قاتار پاكىز ئاسفالت يوللار، يول بويلىرىدا يەنە قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى بار بولدى.

− ئۆيلەر چوڭايدى، بېيىش يولىمۇ كېڭەيدى. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى كېسەك ئۆي، ياغاچ - كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇراتتى، ھازىر قاتار - قاتار رەتلىك ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولدى، ھەممە ئائىلىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىدە كۆكتات ۋە مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆستۈرۈلدى، كىرىم ئېشىپ، بېيىش قەدىمى تېزلەشتى.

− دەريا سۈيى سۈزۈلدى، چىرايلاردىكى كۈلكىلەرمۇ كۆپەيدى. ئىلگىرىكى يۇندى ئاقىدىغان ئېرىقلار سۈزۈلۈپ، بۈگۈنكى كۈندە تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولدى، ئەخلەتلەر ھەممە يەردە ئۇچۇپ يۈرۈشتىن مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىنىشقىچە، يەرلەر بىكار تۇرۇشتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى بولۇشقىچە، كەنت قىياپىتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسىنى جىلۋىلەندۈردى.

«14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، دىڭ لېي كۆپچىلىكتىن تولۇق پىكىر ئېلىش ئاساسىدا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەنت دەرىجىلىك ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى مۇستەھكەملەش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

«بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى دىڭ لېي.