ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

日期:2021年02月22日
来源:天山网
【字体:

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى كۆزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە تۈزىتىش لايىھەسى ھەم تۈزىتىش تەدبىرى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزنىڭ كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشىمىز ئۈچۈن تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، خىزمەتنى ياخشىلاش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، قەتئىي تۈردە مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن جايىدا تۈزىتىپ، قەتئىي تۈردە تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىلەن تۈزىتىشكە مۇئامىلە قىلىپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەم - كوتسىز ھالدا مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىلىرى ئۆزى تۇتۇپ، كونكرېت تۇتۇپ، «تۆتكە سىڭىشىش» تەلىپى بويىچە، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ھەقىقىي ئىش قىلىش، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، تۈزىتىشنى قاتتىق، پۇختا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى قايتما ئىنكاس پىكرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تۈرمۇتۈر تىزىملىككە توغرىلاپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، بىرنى تۈزەتسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈندىلىك نازارەتچىلىكتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تۈزىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈزىتىلىشى، ئەمەلىي تۈزىتىلىشى، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىر تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەرەلىدە جايىدا تۈزىتىش، ئۇزاق مۇددەت تۈزىتىشكە تېگىشلىكلىرىدە باسقۇچ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى چىڭىتىش؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەۋىلىك قاراشنى كۈچەيتىش؛ بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئارقىلىق «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.