باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك

日期:2021年02月22日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە نەتىجە-ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

بىرىنچىدىن، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر ئىكەنلىكىنى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. نىشان، تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركەزلىك ئۆگىنىشنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنى ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئالاھىدىلىكى روشەن، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، لايىھە، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈش، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى، پۇختىلىشى، ئاساسلىق رەھبىرىي يولداش ئۆزى تۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇشى، ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بەشىنچىدىن، خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «14-بەش يىل»دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ياڭ چېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.