شىنجاڭدا 2021-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان توققۇز تاشيول تۈرىدە 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ

日期:2021年02月20日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2021-يىللىق شىنجاڭ تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ 1-قېتىملىق ئالغا سىلجىتىشيىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا 2021-يىلى يېڭىدىن توققۇز تاشيول تۈرى قۇرۇلىدىكەن، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىدىكەن.

يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىدىغانتۈرلەر: G3003 ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئايلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول (غەربىي لىنىيە) قۇرۇلۇشى، G128 لىنىيەسىنىڭناراتتىن بالغۇنتايغىچە، G127 لىنىيەسىنىڭئالتايدىن بۇرچىنغىچە، G331 لىنىيەسىنىڭبۇرچىندىن قاباغىچە، G580 لىنىيەسىنىڭئاقسۇدىن ئاۋاتقىچە بولغان بۆلىكى، سانجىنىڭ غەربىدىكى نەنسەنگە يانداش تاشيولنىڭ2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، «تۈر قاتارلىق مەبلەغ» نىشانى بويىچە، 15 زاپاس تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن دەرھال قۇرۇلۇش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «تېزدىن قۇرۇلۇش باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.