بۈگۈن (2-ئاينىڭ 20-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃8

日期:2021年02月20日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) بۈگۈن (2-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئۇششاق قار ياغىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلاردا شىۋىرغانلىق قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلىچىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 8-9 بالغىچە بولىدۇ؛ تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا چۈشىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃8، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5-، ئۈچ بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ.

سەككىز بالدىن توققۇز بالغىچە غەربىي شىمال بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۈەنگىچە بولغان بۆلىكى، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە شامال چىقىپ قار ئۇچقۇندايدۇ، مۇداپىئە قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.