دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قار-مۇزلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چارلاپ تەكشۈرۈش يولى

日期:2021年01月27日
来源:新疆日报网
【字体:

1-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك يەتكۈزۈش، يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش خادىملىرى تاغقا چىقىپ چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 110 كىلوۋولتلۇق داشو لىنىيەسى چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرىنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر مۇھىم لىنىيە، بۇ لىنىيە چىڭخەي ئۆلكىسى خەيبېي زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مېنيۈەن خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ 330 كىلوۋولتلۇق دابەن تىرانسفورماتور پونكىتىدىن باشلىنىپ، شىنىڭ شەھىرى داتۇڭ خۇيزۇ-تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 110 كىلوۋولتلۇق شوبېي تىرانسفورماتور پونكىتىدا توختايدۇ. لىنىيە دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىرغا يېقىن ئېگىز دابەن تېغىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن لىنىيە 70 كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدۇ.

لىنىيە شامال ئېغىزى ئېگىز تاغلىق رايون بۆلىكىدە بولغاچقا، قىش كىرگەندىن بۇيان، لىنىيەدە دائىم مۇز تۇتۇش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرغان. چاغاندىن بۇرۇنقى توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك يەتكۈزۈش، يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش مەركىزى قار توختىغاندىنكېيىن، يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنى لىنىيەنى بويلاپ ئۈسكۈنىلەرنى ئالاھىدە چارلاشقا تەشكىللىدى.

قىشتا تاغ يوللىرىدا قارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن، نۇرغۇن توك مۇنارلىرىنىڭ ئورنى ھەم بەك ئېگىز بولغاچقا، نۇرغۇن لىنىيەنى پەقەت پىيادە مېڭىپ چارلاپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئېگىز تاغدا دائىم قاتتىق سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما تاغ باغرىدىكى بۇ شەھەرنى بايرامدا يەنىلا ئىللىق يورۇتۇش ئۈچۈن، يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش خادىملىرى ئېگىز، سوغۇق ۋە ئوكسېگىن كەمچىل دابەن تېغىغا نەچچە قېتىم چىقىپ،قاراشلىق رايوندىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لۇڭ فوتوسى