گۇيجوۋ دۇۋيۈن-ئەنشۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يۈنۋۇ چوڭ كۆۋرۈكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى

日期:2021年01月19日
来源:新疆日报网
【字体:

1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان گۇيجوۋ دۇۋيۈن-ئەنشۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يۈنۋۇ چوڭ كۆۋرۈكى.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۇيجوۋ چياۋلياڭ گۇرۇھى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالغان دۇۋيۈن-ئەنشۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يۈنۋۇ چوڭ كۆۋرۈكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى. يۈنۋۇ چوڭ كۆۋرۈكى گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۈيدىڭ ناھىيەسى يۈنۋۇ بازىرى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1720 مېتىر كېلىدۇ، ئىككى زەنجىر مۇنار «H» شەكىللىك پولات چىۋىقلىق بېتون قۇرۇلمىلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم 273 مېتىر ۋە 300 مېتىر بولۇپ، دۇۋيۈن-ئەنشۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلۇشى يۈننەن-گۇيجوۋ ئىككى ئۆلكىنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتتى، بۇ يۈننەن-گۇيجوۋ-گۇاڭشى تاشلىق چۆللەشكەن رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ ۋېنبىن فوتوسى