«كۈتۈنۈۋاتقان» ئىككى شەرق ئاق لەيلىكى

日期:2021年01月18日
来源:新疆日报网
【字体:

بۇ ئاق لەيلەك 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان.

شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى يۇڭشيۇ ناھىيەسىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، جياڭشى پوياڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋۇچېڭ قوغداش، باشقۇرۇش پونكىتىدا، يارىلىنىپ داۋالىتىشقا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى ئاق لەيلەك قىش كۈنلىرىدىكى ئىللىقلىقتىن ھۇزۇرلاندى.

ئاممىنىڭ مۇھىت قوغداش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدا يارىلانغان بىر قىسىم پەسىل قۇشلىرىنى كىشىلەر بايقىغاندىن كېيىن باشقۇرۇش پونكىتى پەسىل قۇشلىرىنى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىدىغان بولدى. پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە مۇۋاپىق داۋالىنىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن تەبىئەتكە قايتۇرۇلىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ مى فوتوسى