1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىشچىلار شىجياجۇاڭ خۇاڭجۇاڭ گۇڭيۈ ئايرىۋېتىش ئورنى تۈر قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇاڭجۇاڭ گۇڭيۈ ئايرىۋېتىش ئورنى خېبىي شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسى بىلەن گاۋچېڭ رايونى تۇتاشقان خۇاڭجۇاڭ كەنتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 510 مو كېلىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ۋە ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شىڭ گۇاڭلى فوتوسى