1-ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى يىياڭ شەھىرى زىياڭ رايونى يىتيەن سەي-كۆكتات تېرىقچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىدا، كۆكتات تېرىغۇچى كۆكتاتلارنى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتكە باسماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇدۇنلۇق ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇنەن ئۆلكىسى يىياڭ شەھىرى زىياڭ رايونى سەي-كۆكتات بازىسىدىكى كۆكتات تېرىغۇچىلار پىشقان كۆكتاتلارنى يىغىپ،بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن زېگو فوتوسى