خەينەندىكى تۇنجى ئاۋىياتسىيە موتورى رېمونت قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا

日期:2021年01月18日
来源:新疆日报网
【字体:

خەيكوۋ مېيلەن لىنكۇڭ ئىقتىسادىي رايونى ئاۋىياتسىيە موتورى رېمونت قىلىش بازىسى تۈرى نەق مەيدانىغا نەزەر (1-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

شىنخۇا تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە، خەيكوۋ مېيلەن بوشلۇق ئىقتىسادىي رايونى ئاۋىياتسىيە موتورى رېمونت قىلىش بازىسىدا تەرتىپ بىلەن قۇرۇلۇش قىلىنماقتا. خەينەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى ئاۋىياتسىيە موتورى رېمونت قىلىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈر خەيكوۋ ئايروپورت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 80 مىڭ كىۋادرات مېتىر، 1-قارارلىق قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 49 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ موتور چوڭ رېمونت زاۋۇتى، موتورنى سىناق قىلىش زاۋۇتى، سېختا ماي تەمىنلەش پونكىتى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىناسى قاتارلىق بىر نەچچە قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 2022-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىيۈن فوتوسى