1-ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو (شەندۇڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى چىڭداۋ تەۋەلىك رايونىغا جايلاشقان شەندۇڭ پورتى چىڭداۋ پورتى ئاپتوماتلاشقان پىرىستانىدا، ئاپتوماتىك يېتەكلەش ئاپتوموبىلى مال توشۇماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: تاموژنا باش مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا، 2020-يىلى دۆلىتىمىزنىڭمال سودىسى ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 32 تىرىليون 160 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.9 ئېشىپ، يەرشارى بويىچە بىردىنبىر مال سودىسىدا مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى جاڭ جىنگاڭ فوتوسى