يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى پۈتۈش

日期:2021年01月16日
来源:新疆日报网
【字体:

− ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىدىن خاتىرە

خەلق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ياڭ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، جۇ جىچەي

قىش كۈنلىرىدىكى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا، قويۇق ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىنىڭ نەزەرىيە ئاساسى، تارىخىي ئاساسى، رېئال ئاساسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپىنى مۇپەسسەل شەرھلەپ بايان قىلدى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق بىر دەرس ئۆتتى.

سۆزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىش، كوللېكتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش... تۆت كۈن ۋاقىتتا، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىن كەلگەن 190 نەچچە كۇرسانت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ مۇلاھىزە قىلدى، تولۇق تەتقىق قىلىپ-مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

كۇرسانتلار بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ۋەزنىلىك، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر ئىلمىي شەرھلەنگەن، بىزنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى مۇساپىدە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە، داۋاملىق شانلىق نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ.

ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، تارىخىي ئورۇننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، كوردىناتنى بېكىتىپ قايتا تونۇش

«باش شۇجىنىڭ يېڭى يىلدىكى بىرىنچى سائەتلىك دەرسىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ئىنتايىن زۆرۈر، ۋاقتىدا بولدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى نەپ ئالدۇق، تەشنالىقىمىزنى قاندۇردۇق!» دېدى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا قىسىم رايونىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ زالىدىن چىقىۋاتقاچ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئوخشاشلا يېڭى يىلدىكى بىرىنچى سائەتلىك دەرس بولسىمۇ، بۇ يىلقى دەرس ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. 2021-يىلى «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ باشلىنىش يىلى. باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، قەدەم ئېلىش كېيىنكى يۈزلىنىشنى بەلگىلەيدۇ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش - ئىزچىللاشتۇرالماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئەمەلىيلەشتۈرەلمەسلىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنىڭ تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇسىغا مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە قارىتا ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ سىستېمىلىق ھالدا چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلىشى.

تارىخىي ئورۇن يۆنىلىشنى بەلگىلەيدىغان، يولنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان، تەدبىرنى تاللايدىغان تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە. دۆلىتىمىز كىرگەن يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى قانداق تارىخىي ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ؟ جۇڭگوغا نىسبەتەن يەنە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ «دەرس ئۆتكەن»دە بۇنىڭغا مۇپەسسەل جاۋاب بەردى − «يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بىر باسقۇچ» «ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە ئون يىللىق جۇغلىنىش ئارقىلىق يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا چىققان بىر باسقۇچ» «پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى كۈتۈۋالغان يېڭى باسقۇچ».

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىر قانداق ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقى، قاياققا ماڭىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم بولۇپ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي كوردىناتنى بەلگە قىلغان» دېدى شەرقىي قىسىم رايونىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت.

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە، قانداق تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؟

«باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسەت، مەسىلە يۆنىلىشى، كۈلپەت ئېڭىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن پۈتۈن پارتىيەدىن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز، ماس بولۇشنى ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلاندۇرۇشىمىز، يېشىل بولۇشنى ئومۇمىي ھالەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز، ئوچۇق بولۇشنى مۇقەررەر يولغا ئايلاندۇرۇشىمىز، ھەمبەھرە بولۇشنى تۈپ مەقسەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى مەركەزدىكى دۆلەت ئورگىنىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە.

«باش شۇجى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قانداق بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بىزنىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشىمىزدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.» غەربىي قىسىم رايونىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: ھەرقايسى جايلار دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ۋە دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتىكى ئورنى ۋە خاسلىقىنى توغرا تېپىپ، دۆلىتىمىزنىڭ رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

كۇرسانتلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىگە باشتىن-ئاخىر ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئاساسىي لىنىيەسى سىڭدۈرۈلگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكى، كىرىزىس ۋە پۇرسەتنى دەل جايىدا ئىگىلىگەنلىكى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتكە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. بىز ئۆگەنگەندىن كېيىن، روھىمىز تېخىمۇ ئۇرغۇدى، يۆنىلىشىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

دەل جايىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش، يول-يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىش، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ يەلكەن چىقىرىپ قايتا سەپەرۋەر قىلىش

تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئايدىڭلاشتى، تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى ئېنىق بولدى، ھازىرقى ئاچقۇچ قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا قاراپ مېڭىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرمۇبىر تۇتۇش. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇرسانتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، راست گەپ قىلدى، ئەمەلىي ئىش قىلدى، ئەمەلىي تەدبىر قوللاندى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى.

«يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.» مەركەزدىكى دۆلەت ئورگىنىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى دۇچ كېلىدىغان ئاساسىي زىددىيەت يەنىلا تەمىنات تەرەپتە بولۇپ، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەمىنات سۈپىتىنى ياخشىلاپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىغا ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنلەش ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياجنى يېتەكلىشىمىز ۋە يارىتىشىمىز كېرەك.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ راۋان، توسالغۇسىز بولۇشىدا. غەربىي قىسىم رايونىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: «بىز پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك توسۇق نۇقتىلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىمىز، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە ۋە تاۋار مۇلازىمىتى ئوبوروتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك».

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. شەرقىي قىسىم رايونىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشكىللىگۈچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچەپ، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك».

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، مۇزاكىرە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تەربىيە بىلەن ئۆگىنىشنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۇرسانتلار خاتىرە دەپتىرىگە تەسىراتى، سۆزلەش مۇھىم نۇقتىلىرىنى بەتمۇبەت تولدۇرۇپ يازدى؛ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىش مەزگىلىدە، ھەر بىر كۇرسانت خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا سۆز قىلدى، سۆز قىستۇرۇش، سوئال سوراش ئەھۋاللىرىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى.

ئۆگىنىش، تەتقىقات-مۇھاكىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم بايانلارنى ئەمەلىي خىزمەت بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ نۇقتىسىدا نەزەرىيە بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ نۇرى چاقنىدى.

«يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى، يېڭى پۇرسەت ياراتتى. ھەرقايسى جايلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆز ئورنىنى توغرا تېپىشى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ئايلىنىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك».

«ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساس نۇقتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇكەممەل بولغان ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش، بولۇپمۇ ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش كېرەك».

«مەبلەغ سېلىش تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، لېكىن جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى كۆپ تۈرلەرنى قارىغۇلارچە يولغا قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ».

«<قوش ئايلىنىش>تا ئالدىنقى يېرىم جۈملىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، كېيىنكى يېرىم جۈملىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بىز ھەم دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشىمىز، ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىشتىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك»...

ئۆگىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا، بىلىش شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ. كۇرسانتلار بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز.

خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ قايتا ئاتلىنىش

«بۇ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مېنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە باش شۇجىنىڭ خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئۈستىدە توختالغانلىقىنى 3-قېتىم ئاڭلىشىم.» مەركەزدىكى دۆلەت ئورگىنىدىن كەلگەن بىر كۇرسانتنىڭ تەسىراتى كەڭ ئورتاق تونۇش قوزغىدى.

قىيىنچىلىقتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن بالدۇر پىلانلاش كېرەك، نامرات ئۆتمەسلىك ئۈچۈن جەزمەن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.

2018-يىلى -ئايدا، مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك 16 خەۋپ-خەتەرگە سەككىز جەھەتتىن مىسال كەلتۈردى. 2019-يىلى 1-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەخسۇس ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسى ئۆتكۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە يەتتە ساھەدىكى ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.

بۇ قېتىمقى تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەۋپ-خەتەر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قايتا تەكىتلىدى: «دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇش كېرەك».

«تەرەققىيات» بىناسىنى سېلىشتا، جەزمەن «بىخەتەرلىك» ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. پەقەت ئالماستەك يىمىرىلمەس تەننى تاۋلاپ چىققاندىلا، ئاندىن كۈچلۈك بوران-چاپقۇن، شىددەتلىك دولقۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كۈچى، رىقابەت كۈچى، تەرەققىيات كۈچى، سىجىللىق كۈچىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش داۋامىدا، كۇرسانتلار بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختالدى −

پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: «پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ جۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك»؛

سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق دېدى: «جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىش، بايلىقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، كۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئامانلىقنى ساقلاشقا ماھىر بولۇش كېرەك»؛

ئارمىيە سىستېمىسىدىن كەلگەن بىر كۇرسانت مۇنداق بىلدۈردى: «چوقۇم ئارمىيە قۇرۇشنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ، ئارمىيەنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك».

جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا، ئاچقۇچ پارتىيەدە. تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك تەكىتلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئىقتىساد خىزمىتى ئەزەلدىن ئابستراكت، يەككە-يېگانە بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئارقىسىدا سىياسىي بار.» كۇرسانتلار بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، «پەقەت مەسىلىلەرگە سىياسىي جەھەتتىن قارىغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلىگىلى، ماھىيەتنى تونۇپ يەتكىلى، نېگىزنى تۇتقىلى بولىدۇ. <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى>نى قەلبكە پۈكۈپ، سىياسىي ئىقتىدارنى تاۋلاپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەرنى يېتىلدۈرۈپ، كەسپىي سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك».

«پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىك. بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى دەل <ئىككىنى قوغداش>تىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىن ئىبارەت» دەپ بىلدۈردى كۇرسانتلار بىردەك.

يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش.

تۆت كۈنلۈك ئۆگىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، تېخىمۇ سەگەك نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى ۋە تېخىمۇ تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشقا ئاتلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى)