جۇدۇندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى يەنە تارقىتىلدى! قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃12تىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدۇ

日期:2021年01月15日
来源:新疆日报网
【字体:

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 18:00دە جۇدۇندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى داۋاملىق تارقاتتى:

مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدىن 17-كۈنىگىچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى غەربتىن شەرققە قاراپ ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت بالدىن ئالتە بالغىچە شامال چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە بولۇپ، كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ياكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10~℃6قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، سەنشىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى شۇنداقلا يۈننەننىڭ شەرقىي قىسمى، گۈيجوۋنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە چاڭجياڭنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃12~℃10قىچە تۆۋەنلەيدۇ، قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃12تىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمنىڭ تەسىرىدە تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە بولغان جۇدۇن مەزگىلىدىكى تېمپېراتۇرىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. جۇدۇندىن كېيىن ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ ℃0 لۇق لىنىيەسى جەنۇبىي ئاسيا يۇقىرى بېسىمىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن جەنۇبىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمىغىچە، ℃10- لىنىيەسى خېبېينىڭ ئوتتۇرا قىسمى-سەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى-شەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كېلىدىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 20:00دىن 16-كۈنى سائەت 20:00گىچە، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى ۋە غەربىي قىسمى، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە خۇاڭخې-خۇەيخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمى، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ℃8~℃6قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، جىلىننىڭ شەرقىي قىسمى، لياۋنىڭنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃10تىن كۆپرەك تۆۋەنلەيدىكەن؛ يۇقىرىقى رايونلاردا تۆت بالدىن ئالتە بالغىچە قىيپاش شىمال شامىلى چىقىپ، يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن.

مەنبە: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى