خەلق تورى، دالى، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ، يۈننەن دالىدىكى بىنچۈەن جىزۇشەن تېغىدا بۇ يىللىق تۇنجى قار ياغدى، ئىلگىرىكى ياپيېشىل تاغ چوققىلىرى ۋە قەدىمىي دەرەخلەر كۆمۈش رەڭ بىلەن ئورالدى، ئىككىنچى كۈنى يەنە تۇمان سۆڭگىسى بىلەن بۇلۇت دېڭىزىدىن ئىبارەت ئىنتايىن ھەيۋەتلىك مەزىرە پەيدا بولۇپ، گۈزەل تۈسكە كىرىپ، كىشىنى جەلپ قىلدى. (خۇ زۈنخۇي، ۋۇ سۇڭجياڭ)